باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

بۇئېنوس ئايرېسدىن ئايرىلىپ پاناما شەھىرىگە يېتىپ باردى

شى جىنپىڭ پانامادىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى

2018.12.04 15:57   مەنبە: خەلق تورى

شى جىنپىڭ پانامادىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ شۇ جاي ۋاقتى 12- ئاينىڭ 2- كۈنى پاناما شەھىرىگە يېتىپ بېرىپ، پاناما جۇمھۇرىيىتىدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم پانامادا زىيارەتتە بولۇشۇم، شۇنداقلا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ تارىختا تۇنجى قېتىم پانامادا زىيارەتتە بولۇشى. مەن جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن پاناما خەلقىدىن سەمىمىي ھال سورايمەن ھەم ياخشى تىلىكىمنى بىلدۈرىمەن. بىر يېرىم يىل بۇرۇن، جۇڭگو بىلەن پاناما بىر جۇڭگو پىرىنسىپى ئاساسىدا رەسمىي دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ 160 نەچچە يىللىق ئالاقە تارىخىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچتى. جۇڭگو بىلەن پاناما دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى پۇختا ئىلگىرىلىدى، ھەمدە ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىدا مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. ئەمەلىيەت بولسا، جۇڭگو بىلەن پانامانىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشىنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ تۈپ ھەم ئۇزاق مۇددەتلىك مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى، جۇڭگو-پاناما ھەمكارلىقىنىڭ غايەت زور يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·2019- يىللىق دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتىھانى ئېلىندى 
    ·«مائارىپتىكى مۇددەتكە بۆلۈش» قەرز پۇلى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ يوشۇرۇن قائىدىسى بولۇپ قالماقتا
    ·2019-يىلى مەملىكەت بويىچە ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەنلەر سانىنىڭ 8 مىليون 340 مىڭغا يېتىش…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ھۆكۈمەت ئىگىدارچىلىقىدىكى يەسلىلەر ھەمدە خەلق باشقۇرۇشىدىكى ئومۇم مەنپەئەتلىنى…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئۈچ تارماق ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىر…
    ·شەھەر-يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ 2019- يىللىق ياردەم پۇلى مۇددەتتىن بۇرۇن چۈشۈرۈلدى 
    ·بالىلار باشلانغۇچ مەكتەپكە چىققاندىن كېيىن، ئاتا-ئانىسى بىللە كىتاب ئوقۇپ بېرىش تولىمۇ مۇھىم
    ·جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ يەسلى مائارىپى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر قېلىپل…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقىنى باشقۇرۇش جەھەتتە «كەڭ قويۇۋېتىش، بوشىشىش، يۇمشاق قول ب…
    ·چىڭخەيدە «ئائىلە، مەكتەپ تور ئالاقە سۇپىسىدا‹بەشنى قىلىش، بەشنى قىلماسلىق> نى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى»…