باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«ئۈچ خىل رەڭ» شىنجاڭنىڭ قىشلىق ساياھىتىگە ھۆسن قوشتى

2018.12.03 17:13         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «شىنجاڭدىكى مەنزىرە رايونلار قىش پەسلىدە تاقالمايدۇ» دېگەن سۆزلەر بۇ يىل قىش پەسلىدە شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىدىكى «قىزىق پاراڭ»غا ئايلاندى. ھەرقايسى جايلار مول مەزمۇنلۇق قىشلىق ساياھەت پائالىيەتلىرى، قار تېيىلىش، ساغلاملىق كۈتۈنۈشى، پىيادە مېڭىش، تەتقىقات- ئۆگىنىش، مال سېتىۋېلىش قاتارلىق شەكىللەردىكى ھەرخىل ساياھەت پائالىيەتلىرىنى يولغا قويۇپ، شىنجاڭنىڭ قىشلىق ساياھىتىگە ھۆسن قوشۇپ، شىنجاڭنىڭ قىشلىق ساياھىتىنى داۋاملىق «قىزىتىۋەتتى».

  ئاق رەڭ: مول بايلىق قار- مۇز ساياھىتىنى جانلاندۇردى

  «قىش پەسلىدىكى قاناس بەكمۇ جەلپكار ئىكەن، كىشىگە پاكىز، ساپ گۈزەللىكنى ھېس قىلدۇرىدىكەن!» 11- ئاينىڭ 12- كۈنى، تيەنجىنلىك ساياھەتچى شى يۈشېن خوتۇنى بىلەن تۇنجى قېتىملىق «پويىزغا ئولتۇرۇپ شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش» قىشلىق ساياھەت مەخسۇس پويىزىغا ئولتۇرۇپ، قىش پەسلىدىكى قاناسنىڭ ئۆزگىچە گۈزەل مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلاندى.

  «قارلىق، مۇزلۇقلارنىڭ ئۆزىمۇ بىر بايلىق». شىنجاڭنىڭ مول قار- مۇز بايلىقى ساياھەتچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. «مەن شىنجاڭنىڭ گۈزەللىكىنى خېلى بۇرۇنلا دوستۇمدىن ئاڭلىغان، بۇ قېتىم ئالايىتەن ئايروپىلان بىلەن ئالتايغا كەلدىم، ئاندىن ئۆزۈم ماشىنا ھەيدەپ قۇمغا كەلدىم». 11- ئاينىڭ 13- كۈنى، ئەنخۈيلۈك ساياھەتچى شېن ئەپەندى فوتو ئاپپاراتىنىڭ كۇنۇپكىسىنى توختىماي بېسىپ، تاڭ نۇرىدا ئۇيقۇدىن ئويغىنىۋاتقان قۇم كەنتىنىڭ مەنزىرىسىنى سۈرەتكە تارتتى.

  نارات مەنزىرە رايونى ئىلگىرىكى يىللاردىكى قىش پەسلىدە تىجارەتنى توختىتىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتتى، 11- ئاينىڭ 17- كۈنى، جۇڭگو . نارات 2019- يىللىق قار- مۇز ساياھەت مەدەنىيەت بايرىمى مەنزىرە رايونىدا باشلىنىپ، قار تېيىلىش تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قارلىق دالىدا دالا ئاپتوموبىلى ھەيدەش، مۇز ئويما مۇسابىقىسى قاتارلىق سەرخىل پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلدى.

  بۇ يىل قىش پەسلىدە، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى چوڭ مەنزىرە رايونلىرىنىڭ ھەممىسى ئېچىۋېتىلىپ، ساياھەتچىلەر كۈتۈۋېلىندى، بېلەت ساياھەتچىلىكنىڭ سۇس مەزگىلىدىكى باھا بويىچە سېتىلدى، پۈتۈن شىنجاڭدا جەمئىي 102 تۈرلۈك ئېتىبار بېرىش، مۇكاپاتلاش تەدبىرى يولغا قويۇلۇپ، شىنجاڭنىڭ قىشلىق ساياھىتىدىكى «ساياھەتنىڭ سۇس مەزگىلىنى جانلاندۇرۇۋەتتى». تولۇق بولمىغان ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 2018- يىلى 11- ئايدىن 2019- يىلى 3- ئايغىچە، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا 196 تۈرلۈك قىشلىق ساياھەت پائالىيىتى يولغا قويۇلىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە قار- مۇز تۈرىدىكى پائالىيەتتىنلا 50ى بار ئىكەن.

  كۆك رەڭ: پاكىز، ساپ ھاۋادا بەھۇزۇر ساياھەت قىلىش

  11- ئاينىڭ 22- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق مۇھىت ئاسراش نازارىتى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 1- ئايدىن 10- ئايغىچە، پۈتۈن شىنجاڭدىكى 19 شەھەرنىڭ ھاۋاسى ئەلا- ياخشى بولغان ئوتتۇرىچە كۈن سانى نىسبىتى %71 بولغان. ئەلا- ياخشى ھاۋا ساياھەتچىلىكتىكى يەنە بىر مۇھىم بايلىققا ئايلانغان. شۇ كۈنى، ئالتاي ۋىلايىتى يەنە بىر قېتىم شەرەپ بىلەن پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھاۋا سۈپىتى رەت تەرتىپىدە ئالدىنقى ئورۇنغا ئۆتتى. كۆك ئاسمان، ئاق بۇلۇتلار ئاستىدا، شەھەر مەركىزىگە ئەڭ يېقىن جايدىكى جياڭجۈن تېغى قار تېيىلىش مەيدانىدا قار تېيىلسا، قار- مۇز تەنھەرىكىتىنىڭ ھۇزۇرىنى سۈرۈپلا قالماي، يەنە ساپ ھاۋادىنمۇ نەپەسلەنگىلى بولىدۇ. «بۇ يەرنىڭ كېچىدىكى يۇلتۇزلۇق ئاسمىنىمۇ بەك گۈزەل ئىكەن!» دېدى ساياھەتچى دۇ سەيخۇڭ. قاناستا بىر كۈن ساياھەت قىلىپ ئوينىغاندىن كېيىن، ئۇ قۇم كەنتىدىكى ساياھەت ئارامگاھىدا قونۇپ، كېچىدە خۇددى قولىنى سوزسىلا تۇتقىلى بولىدىغاندەك كۆرۈنىدىغان يۇلتۇزلۇق ئاسماننى تاماشا قىلدى.

  قىش پەسلىدىكى قۇياش نۇرىغا چۆمگەن قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونى تىپتىنچ ئىدى، بىر پىيالە ئۆزگىچە دورىلىق چاينى ئىچىپ ئولتۇرۇپ، قەدىمىي چايخانىنىڭ 2- قەۋىتىدىكى دېرىزىسىدىن يولدىن ئۆتكەن- كەچكەنلەرگە قاراپ قەشقەرنىڭ ئۆزگىچە ئۆرپ- ئادىتىنى ھېس قىلىش نۇرغۇن ساياھەتچىنىڭ ئالدىن تاللىشىغا ئايلانغانىدى.

  «قىش پەسلىدە، بۇ يەردە بەك سوغۇق بولمايدۇ، مەنزىرىسىمۇ شىمالىي شىنجاڭ رايونىدىكىدىن ناھايىتى زور پەرقلىنىدۇ». 11- ئاينىڭ 10- كۈنى، ئۈرۈمچىدىن پويىزغا ئولتۇرۇپ قەشقەرگە بارغان پەن لىن توردا داڭقى چىققان كونا چايخانىنى ئىزدەپ، قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونىدىكى بۇ كونا چايخانىغا كەلدى.

  ھازىردىن باشلاپ 2019- يىلى 4- ئايغىچە، قەشقەر «ئاستا رىتىملىق تۇرمۇشتىن يېڭىچە ھۇزۇرلىنىش» ساياھەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرىدۇ. ھەرقايسى ناھىيە، شەھەرلەر ئۆز ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن قار- مۇز بايرىمى، مەززىلىك تائاملار مۇسابىقىسى بايرىمى پائالىيىتىنى يولغا قويىدۇ، ساياھەتچىلەر ئۆزگىچە مەززىلىك تائاملارنى تېتىپ، مىللىيچە ناخشا- ئۇسسۇللاردىن ھۇزۇرلىنىپ، مىللىي ئۆرپ- ئادەتلەردىن ھۇزۇرلىنىپ، ئېگىزلىك ۋە بوستانلىق مەنزىرىسىنى تاماشا قىلىدۇ.

  تۇرپاننىڭ قىش پەسلى شاماللىق بولىدۇ، ئاپتاپمۇ چىقىدۇ، ئۇ، يىپەك يولى تارىخىي ئىزلىرىنىڭ سىرلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش، تەبىئىي ئېكولوگىيەنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلىشتىكى ياخشى مەنزىلگاھ ھېسابلىنىدۇ. بۇ يىل قىش پەسلىدە، تۇرپان ئادىمىيەت مەنزىرىسى فوتو سۈرەت ساياھىتى، تارىخىي مەدەنىيەت تەتقىقات - ئۆگىنىش ساياھىتى قاتارلىق ئالتە چوڭ تېمىدىكى تاماشا قىلىش، ھۇزۇرلىنىش لىنىيەسىنى ئاچتى. تۇرپان شەھەرلىك ساياھەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئەن جىنچياڭ مۇنداق دېدى: تۇرپاننىڭ مول تارىخىي مەدەنىيىتى ۋە رەڭگارەڭ مىللىي ئۆرپ- ئادەت مەدەنىيىتى بار، بۇ يىل قىشتا بىز تۇرپان ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەشنى چۆرىدەپ، ساياھەتچىلەرنى مەنزىرىلەردىن ھۇزۇرلىنىش جەريانىدا تۇرپاننىڭ تارىخى توغرىسىدا چۈشەنچىگە ئىگە قىلىمىز.

  قىزىل رەڭ: ئىنقىلاب تارىخى بايلىقلىرى ساياھەتچىلىكنى جانلاندۇردى

  شىنجاڭ بىڭتۈەن ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مۇزېيى، 359- لۈ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش خاتىرە سارىيى، قاغىلىق ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقى، قومۇل قىزىل ئارمىيە غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسىنىڭ شىنجاڭغا كىرگەنلىك خاتىرە باغچىسى قاتارلىق بىر تۈركۈم خاتىرە ساراي(باغچە)لار تۈركۈملەپ ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالدى، پۈتۈن شىنجاڭدىكى قىزىل بايلىقلار بارغانسېرى ساياھەتچىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى.

  ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى موللاشتۇرۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ھۇزۇرلىنىش دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشنى چىقىش قىلىپ، جايلار قىشلىق ساياھەتچىلىكنى ئورۇنلاشتۇرغاندا قىزىل ساياھەت بايلىقلىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قېزىپ، قىزىل ساياھەتچىلىك نادىر مەنزىرە رايونى بەرپا قىلىپ، قىزىل ساياھەتچىلىكنى ھەم چوڭقۇر مەنىگە، ھەم يېڭى مەنىگە ئىگە قىلدى.

  بۇ يىل 8- ئايدا، ئىلى لىن زېشۈ خاتىرە سارىيى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقى، كېرىيە ناھىيەسى قۇربان تۇلۇم خاتىرە سارىيى، قومۇل قىزىل ئارمىيە غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسىنىڭ شىنجاڭغا كىرگەنلىك خاتىرە باغچىسى، بايىنغولىن ئوبلاستىدىكى مالەن ھەربىي مۇزېي باغچىسى، قاراماي شەھىرى قاراماي 1- نومۇرلۇق قۇدۇقى قاتارلىق ئالتە جايدىكى قىزىل ساياھەت مەنزىرە نۇقتىسى دۆلەتنىڭ قىزىل ساياھەت كىلاسسىك مەنزىرە رايونىغا تاللاندى.

  «ھەربىي بوز يەر ئۆزلەشتۈرگۈچىلەرنىڭ ئىش- ئىزلىرى كىشىنى تەسىرلەندۈرىدۇ، ئۇلارنىڭ خالىس تۆھپە قوشۇش روھى بىزنىڭ ئۆگىنىشىمىزگە ئەرزىيدۇ». 11- ئاينىڭ 9- كۈنى، شېئىر ھەۋەسكارى شېن ۋېيمىڭ مەخسۇس خۇبېيدىن شائىر ئەي چىڭ ئىلگىرى ياشىغان شىخەنزىگە كېلىپ، شائىرنىڭ ئىزىنى بويلاپ، شائىرنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى شەھەرنى زىيارەت قىلدى.

  11- ئاينىڭ 12- كۈنى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ساياھەت ئىدارىسى قىشلىق ساياھەت لىنىيەسى ئاچتى، بۇنىڭ ئىچىدە كۇچا ئىنقىلابىي قۇربان لىن جىلۇ خاتىرە سارىيى، كۇچا ۋاڭ ئوردىسى قاتارلىق قىزىل ساياھەت لىنىيەلىرى بار. بۇ يىل قىشتا، فۇكاڭ شەھىرى گەنخېزى بازىرى سانائەت كۆرگەزمە سارىيى، ۋاڭمۇ شاپتۇللۇقى، بىڭخۇ ھاراق قورۇقى قاتارلىقلارغا تايىنىپ، سانائەت، يېزا ئىگىلىكى، بىڭتۈەن مەزمۇن قىلىنغان قىزىل ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇردى.

  ھەر قايسى جايلار ئۆز ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ئوتتۇرىغا چىقارغان قىشلىق ساياھەت مەھسۇلاتلىرى كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، مەھسۇلات مەزمۇنىنى بېيىتىپ، ساياھەتچىلەرنى شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيەلىك بايلىقى، تارىخىي مەدەنىيىتى ۋە مىللىي ئۆرپ- ئادەتلىرىدىن تېخىمۇ ياخشى ھۇزۇرلاندۇرىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر