خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ جاي ۋاقتى 5-دېكابىر، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ لىسبوندا پورتۇگالىيە پارلامېنتىنىڭ باشلىقى رودرىگېس بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پورتۇگالىيە جۇڭگونىڭ ياۋروپادىكى ياخشى دوستى، ياخشى ھەمراھى. 1999-يىلى، جۇڭگو-پورتۇگالىيە ئاۋمېن مەسىلىسىنى مۇۋاپىق ھەل قىلىپ، خەلقئارادا دوستانە كېڭىشىش ئارقىلىق، تارىختىن قېپقالغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلەپ بەردى ھەمدە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى ئەسىردىكى تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۆزئارا ئىشىنىش ۋە ھەمكارلىق ئاساسىنى تىكلەپ بەردى. يېقىنقى يىللادىن بۇيان، جۇڭگونىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى پورتۇگالىيە پارلامېنتى بىلەن زىچ ئالاقىنى قانات يايدۇرۇپ، ئاكتىپ نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. جۇڭگو تەرەپ ئىككى دۆلەت قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرىنىڭ قانۇن چىقىرىش، نازارەت قىلىش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ھۆكۈمەتنى باشقۇرۇش، خەلق تۇرمۇشى قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەردە ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆرنەك قىلىشنى خالايدۇ. ئىككى دۆلەتنىڭ قانۇن چىقىرىش ئورگانلىرى ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىنى جارى قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قانۇن ۋە سىياسەت مۇھىتىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، قارشى تەرەپنىڭ مەبلەغ سالغان كارخانىلىرى ۋە خادىملىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىشى لازىم. ئىككى دۆلەت ھەرقايسى دۆلەت پارلامېنتلىرى ئىتتىپاقى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك تەشكىلاتلار ئىچىدە ئالاقە ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئورتاق مەنپەئەتنى قوغدىشى ھەمدە دۇنيا تىنچلىقى، تەرەققىياتى، گۈللىنىشىنى قوغداش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشى لازىم.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى