باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن «پىكىر» ئېلان قىلدى

ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش لازىم

2018.12.06 16:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، گوۋۇيۈەن يېقىندا «نۆۋەتتىكى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلىدۇ).

  «پىكىر»دە نۆۋەتتىكى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى نۇقتىلىق تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  بىرىنچى، كارخانىلارنىڭ مۇقىم تەرەققىياتىنى قوللاش لازىم. خادىم قىسقارتمىغان ياكى ئاز قىسقارتقان سۇغۇرتىغا قاتناشقان كارخانىلارغا قارىتا، بۇ كارخانىلارنىڭ ئالدىنقى يىللىق ئەمەلىي تاپشۇرغان ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى پۇلىنىڭ %50ىنى قايتۇرۇشقا بولىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئىشلەپچىقىرىش- تىجارىتىدە ۋاقىتلىق قىيىنچىلىققا يولۇققان ھەمدە ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىن ئۈمىد بار كارخانىلارغا قارىتا، قايتۇرۇپ بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. دۆلەت مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كېپىللىك فوندىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھەر قايسى جايلارنىڭ شەرتكە توشىدىغان كىچىك، مىكرو كارخانىلارنى ھەق نىسبىتى تۆۋەن بولغان كېپىللىك بىلەن قوللاشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ قەرزگە ئېرىشىشچانلىقىنى ئۆستۈرىدۇ.

  ئىككىنچى، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەشكە ئىلھام ۋە مەدەت بېرىش لازىم. ئىگىلىك تىكلەش كېپىللىك قەرزى بىلەن قوللاش سالمىقى ئاشۇرۇلىدۇ، شەرتى توشىدىغان شەخسلەر ۋە كىچىك، مىكرو كارخانىلار ئايرىم-ئايرىم ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 150 مىڭ يۈەن ۋە 3 مىليون يۈەندىن ئېشىپ كەتمىگەن ئىگىلىك تىكلەش كېپىللىك قەرز پۇلى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. جايلارنىڭ نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش، يېتىشتۈرۈش ۋاسىتىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشىگە ئىلھام بېرىلىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بېسىمى بىرقەدەر چوڭ بولغان رايونلارنىڭ ئىشسىز خادىملارنى ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەش تىجارەت سورۇنى بىلەن ھەقسىز تەمىنلىشىگە مەدەت بېرىلىدۇ. مىليونلىغان ياشلارنىڭ پىراكتىكا قىلىش ئۈچ يىللىق پىلانى يولغا قويۇلۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئالدىدىكى پىراكتىكا تولۇقلىمىسىنىڭ دائىرىسى 16 ياشتىن 24 ياشقىچە بولغان ئىشسىز ياشلارغا كېڭەيتىلىدۇ.

  ئۈچىنچى، تەربىيەلەشنى پائال قانات يايدۇرۇش لازىم. قىيىنچىلىقى بار كارخانىلار ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى ئىش ئورنىدا تەربىيەلەشنى تەشكىللىسە بولىدۇ، كارخانىنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى تەربىيەلەش خىراجىتى يەتمىگەن قىسمىنى، شۇ جايدىكى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى تەكشۈرۈپ باھالاش ئارقىلىق لاياقەتلىك بولغاندىن كېيىن، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا ياردەم بېرىش مەبلىغىدىن مۇۋاپىق ياردەم بېرىلىدۇ. ئىش ئورنىدىن قالغانلارغا قارىتا ھۆكۈمەت تولۇقلىمىسى بار تەربىيەلەش ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدىكى شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىشقا ئورۇنلىشىشى تەس خادىملار ۋە ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يوق ئائىلە ئەزالىرىغا قارىتا تەربىيەلەش مەزگىلىدە يەنە تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ. تېخنىكا ماھارەت ئۆستۈرۈش ياردەم پۇلىنى ئىلتىماس قىلىش شەرتى ئەسلىدىكى «كارخانىدا ئىشلەۋاتقان ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىغا قاتناشقىنىغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى بولۇش»تىن، «ئىسشسىزلىق سۇغۇرتىغا قاتناشقىنىغا بىر يىلدىن يۇقىرى بولۇش»قا تەڭشەلدى.

  تۆتىنچى، ئىش ئورنىدىن قالغان ئىشسىزلارغا ياردەم بېرىشنى ۋاقتىدا قانات يايدۇرۇش لازىم. ئىشسىز خادىملار تۇرۇشلۇق جايىدا ئىشسىزلىققا تىزىملىتىپ، شۇ جايدىكى ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش مۇلازىمىتى، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يار-يۆلەك بولۇش سىياسىتى، نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىشىدىكى باجدا ئېتىبار بېرىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولۇشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىش ئورنىدىن قالغان ئىشسىزلارغا قارىتا، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى تەمىناتىنى ۋاقتىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش ھەمدە ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ۋە ۋاقىتلىق پاناھلاندۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر