باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«خەلقئارا مەدەنىيەت بازىرىنىڭ 2018- يىللىق دوكلاتى» ئېلان قىلىندى

2018.12.06 16:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «خەلقئارا مەدەنىيەت بازىرى يۇقىرى قاتلامدىكىلەر مۇنبىرى» يېقىندا جۇڭگو ئاخبارات ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئېچىلدى، «خەلقئارا مەدەنىيەت بازىرىنىڭ 2018- يىللىق دوكلاتى»مۇ شۇنىڭ بىلەن تەڭ ئېلان قىلىندى.

  «خەلقئارا مەدەنىيەت بازىرى يۇقىرى قاتلامدىكىلەر مۇنبىرى» بولسا، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى مەدەنىيەت كەسپى تەرەققىيات مەھكىمىسى تەرىپىدىن ھاۋالە قىلىنغان مەخسۇس تېمىلىق مۇنبەر. دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، 2015- يىلىدىن 2018- يىلىغىچە، كىتاب نەشر قىلىش بازىرىدا چېكىنىش كۆرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن، نەشرىياتچىلىقنىڭ بازار كۆلىمى يەنىلا بىر قەدەر چوڭ. ھازىرغا قەدەر، 2018- يىللىق خەلقئارالىق تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىدىن ئېرىشىلگەن كىرىم 524 مىليارد 400 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە، ھەق تۆلەيدىغان تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرى، تېلېۋىزىيە ئېلانلىرى ۋە جامائەت فوندى قاتارلىقلار بار بولۇپ، بۇلار ساھەلەر بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئېشىش سۈرئىتى ئەڭ تېز بولغىنى ئويۇن ئويناش پروگراممىلىرى بولۇپ، ئۇنىڭ 2018- يىللىق خەلقئارا ئويۇن بازىرىدىكى نىسبىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %13.3 ئاشقان، دېمەك ئۇ ساھەلەر بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ، ئويۇن ئويناش پروگراممىلىرىنىڭ دۇنيا بويىچە ئېرىشىلگەن ئۇمۇمىي كىرىمى 137 مىليارد 900 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر