باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچىدە قار يېغىپ، نۆۋەتچى ئايرۇپىلانلار كېچىكتۈرۈلدى، 5000غا يېقىن يولۇچى تۇرۇپ قالدى

2018.12.05 18:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتى قاتناش كونترول قىلىش مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە، قارنىڭ تەسىرىدە، 4-چېسلا سائەت 11لەردە، ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ ئۇچۇش يوللىرى تاقالغان، 5000غا يېقىن يولۇچى تۇرۇپ قالغان.

  4-چېسلا 11دىن 55 مىنۇت ئۆتكەندە، ئايرودرۇم ئوتتۇرا كۆلەملىك نۆۋەتچى ئايرۇپىلانلارنىڭ كېچىكتۈرۈلۈشىگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش چارىسىنى قوزغاتتى. 17دىن 30 مىنۇت ئۆتكىچە، ئايرودۇرۇمدىن ئۇچىدىغان 53 نۆۋەتچى ئايروپىلان كېچىكتۈرۈلدى، ئۇچقىنى 111 نۆۋەتچى قېتىمغا يەتتى، ئايرودۇرۇمغا قونىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلاندىن 61 ئايروپىلان قوندى، بەش ئايروپىلان پورتقا كىرىش تەييارلىقىدا تۇردى، بىر نۆۋەتچى ئايروپىلان قونماي قايتتى. 104 نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ پورتتىن چىقىش-كىرىشى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. 1 T ئايروپىلان كۈتۈش زالىدا 1057 يولۇچى، T 2 ئايروپىلان كۈتۈش زالىدا 2522 يولۇچى، T 3 ئايروپىلان كۈتۈش زالىدا 1294 يولۇچى تۇرۇپ قالدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر