باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئورگان پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار يىغىنى ئاچتى

 ئاپتونوم رايونلۇق 9- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 6- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى

2018.12.05 16:45         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرىمىز مېھرىگۈل غوپۇر خەۋەر قىلىدۇ: 11- ئاينىڭ 29- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئورگان پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار يىغىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايونلۇق 9- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 6- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى، خىزمەتلەرنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئورۇنلاشتۇردى ۋە ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، رەئىس نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: قەتئىي ھالدا ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق 9- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 6- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرما- تەلەپلىرىنى سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنىڭ پۈتكۈل جەريانى ۋە ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: بايراق روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى كەم- كوتسىز ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ تۈپ مىزانى ۋە ئىلمىي كۆرسەتمىسى بولۇپ، چوڭقۇر ئۆگىنىپ ئۆزلەشتۈرۈپ، ئېتىقادنى چىڭىتىشنى ئۆگىنىپ چىقىش، مۇتلەق سادىق بولۇشنى ئۆگىنىپ چىقىش، بۇرچنى زىممىگە ئېلىشنى ئۆگىنىپ چىقىش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئاڭلىق ھالدا «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئەستايىدىل يەتكۈزۈش، ئۆگىنىشكە، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشقا كۈچەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى سىياسىي كېڭەشتە دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇش، دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، سادىقلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، تەرەققىيات، مۇقىملىقنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ نۇقتىلىق خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى زىچ چۆرىدەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىگە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن چارە- تەدبىر كۆرسىتىپ، ئۈچ تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەتنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشتە قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، باشتىن- ئاخىر پارتكوم چاقىرىق قىلىش، سىياسىي كېڭەش ئاۋاز قوشۇش، پارتكوم ئورۇنلاشتۇرۇش، سىياسىي كېڭەش ھەرىكەتكە كېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مول، ئۈنۈملۈك بولغان مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئۈنۈمى ئارقىلىق پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىقتىدار- ساپانى ئۆستۈرۈش كېرەك. سىياسىي قۇرۇلۇشنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «سىياسىيدا قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان» بولۇشنى چۆرىدەپ سىياسىي كېڭەش سىستېمىسىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى باشتىن- ئاخىر پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە ئالغا سىلجىتىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش؛ «سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنى چۈشىنىش، كېڭىشىشنى بىلىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشقا ماھىر بولۇش» ۋە «ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش، قائىدىنى تەكىتلەش، پەزىلەتكە ئەھمىيەت بېرىش» تەلىپىگە ئاساسەن، «ماھارىتى كامالەتكە يېتىش»نى چۆرىدەپ، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتۇپ، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنى ئىش قىلىشتا سەھنىسى بولۇش، چارە- تەدبىر كۆرسىتىشتە يولى بولۇش، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتا نەتىجە يارىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش؛ ياخشى كادىر ئۆلچىمىگە ئاساسەن، «ئىستىلى ياخشى» بولۇشنى چۆرىدەپ، يۇقىرى ساپالىق ئورگان كادىرلار قوشۇنى بەرپا قىلىپ، سىياسىي كېڭەش خىزمىتىدە يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىش، يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى كۈچلۈك تەشكىلىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر