باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايون سۆھبەت يىغىنى ئاچتى

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەھبەرلىك بەنزىسى بىلەن سۆھبەتلەشكەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگەندى

2018.12.05 16:46         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرىمىز لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 12- ئاينىڭ 2- كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايون باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەھبەرلىك بەنزىسى ئەزالىرى بىلەن كوللېكتىپ سۆھبەتلەشكەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش سۆھبەت يىغىنى ئاچتى. يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى يېتەكچى قىلىنىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاياللار ۋە ئاياللار خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانى ئەستايىدىل ئۆگىنىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئىدىيە يەنىمۇ بىرلىككە كەلتۈرۈلۈپ، قەلب ۋە كۈچ يەنىمۇ مۇجەسسەملىنىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت ئاياللار دەۋرنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتنىڭ بىرىنچى سېپىدە تۆھپە قوشۇپ، ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ، يېڭى دەۋر ئاياللار خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا تېخىمۇ ياخشى ئىتتىپاقلاشتۇرۇلدى، سەپەرۋەر قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى پېڭشىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇۋەققەت باش كاتىپ سارقىت ئاقان يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك ئاياللار بىرلەشمىلىرى «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ياخشى ئۆگىنىش، ياخشى تەشۋىق قىلىش، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ زامانىمىزدىكى جۇڭگو ئاياللىرى ھەرىكىتىنىڭ دەۋر باش تېمىسى، ئاياللار خىزمىتىنىڭ ئورنى، ئەھمىيىتى، پارتىيەنىڭ ئاياللار خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ئاياللار تەرەققىيات يولىدا چىڭ تۇرۇش، يېڭى دەۋر ئاياللار بىرلەشمىسى تەشكىلاتىنىڭ فۇنكسىيەلىك ئورنى، ئائىلە خىزمىتى ۋە ئاياللار بىرلەشمىسى ئىسلاھاتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاياللار ئاممىسىنى ئىدىيە جەھەتتىن يېتەكلەش، سىياسىي جەھەتتىن يېتەكلەش، قىممەت جەھەتتىن يېتەكلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سىياسىي جەھەتتە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، ئىدىيە جەھەتتە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، ھېسسىيات جەھەتتە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئاياللارنى پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا ئىتتىپاقلاشتۇرۇش، يېتەكلەش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: دىققەتنى قەتئىي تەۋرەنمەي باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئاياللارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ھەرىكىتى»نى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پۇختا تۇتۇپ، «يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئاياللار ھەرىكىتى»نى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، كەڭ ئاياللارنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى، ئورۇنلاشتۇرۇشىنى زىچ چۆرىدەپ، مۇقىملىق، تەرەققىيات ئومۇملۇقىغا مۇلازىمەت قىلىشتا «يېرىم دۇنيا»لىق كۈچىنى قوشۇشقا ئىتتىپاقلاشتۇرۇش، يېتەكلەش كېرەك. كەڭ ئاياللارنىڭ ئائىلە تۇرمۇشىدىكى ئۆزگىچە رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئائىلە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئائىلە تەربىيەسى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنىڭ ئائىلىلەردە چوڭقۇر يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئەر - ئاياللار باراۋەر بولۇش تۈپ دۆلەت سىياسىتىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، غەم- ئەندىشىنى تۈگىتىش خىزمىتىنى تېخىمۇ دەل جايىدا، تېخىمۇ پۇختا ياخشى ئىشلەپ، پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ئاياللارنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقى تەربىيەسى ۋە ماھارەت تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ئاياللارنىڭ ساغلاملىقىغا سىجىل كۆڭۈل بۆلۈپ، ئاياللارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە قوغداپ، كەڭ ئاياللارنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئاياللار بىرلەشمىسىنى ھەر مىللەت ئاياللار ئىشىنىدىغان، تايىنىدىغان، ئايرىلالمايدىغان ئۆز ئۆيىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: باشتىن - ئاخىر پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، سىياسىيلىق، ئىلغارلىق، ئاممىۋىلىقنى كۈچەيتىش نىشانىنى چۆرىدەپ، ئاساسىي قاتلام يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، كۈچ سەپلىمىسى ۋە مۇلازىمەت بايلىقىنى ئاساسىي قاتلامغا تېخىمۇ كۆپ مايىللاشتۇرۇش كېرەك. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە خاتىرجەم بولىدىغان، ئامما رازى بولىدىغان ئاياللار بىرلەشمىسى كادىرلار قوشۇنىنى تىرىشىپ قۇرۇپ، ئاياللار ئىشلىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر