شېنجېندىكى تېڭشۈن بىنخەي سارىيى ئىچىدە، خىزمەتچى خادىملار ئاممىۋى بوشلۇققا قويۇلغان تېڭشۈن قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرىلەش زىننەت بۇيۇمى يېنىدىن ئۆتمەكتە (3- دېكابىر تارتىلغان).
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «كۆچمە ئالاقە تورىنىڭ ئالدىنقى يېرىم مەيدانى ئىستېمال ئالاقە تورى، كېيىنكى يېرىم مەيداننىڭ ئاساسىي جەڭ مەيدانى كەسىپلەر ئالاقە تورى تەرەپكە قاراپ تەرەققىي قىلىدۇ»، بۇ بولسا تېڭشۈننىڭ كېيىنكى باسقۇچتىكى ئالاقە تورى كەسپىنىڭ تەرەققىيات يولىغا قارىتا چىقارغان ئومۇمىي يەكۈنىدۇر.
1998-يىلى قۇرۇلغان تېڭشۈن دەسلەپكى بىرنەچچە كىشىلىك ئىگىلىك تىكلەش شىركىتىدىن ئۆسۈپ يېتىلىپ، ئالاقە تورى كارخانىلىرى ماگناتىنىڭ بىرى بولۇپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىشىگە ئۈزلۈكسىز ھاياتىي كۈچ بېغىشلىدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى