باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

2018.12.06 16:23         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ تۈنۈگۈن گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولىدىغان بىر تۈركۈم ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى يەنە ئومۇملاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىشنىڭ ھايات كۈچىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇش قارار قىلىندى؛ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پاتېنت قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى» ماقۇللىنىپ، بىلىم-مۈلۈك ھوقۇقىنى ئۈنۈملۈك قوغداش، ھوقۇققا دەخلى تەرۇز قىلىشقا كۈچلۈك زەربە بېرىش قارار قىلىندى؛ «بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەقەلىرىگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش نىزام لايىھەسى» ماقۇللاندى.

  يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېي، شاڭخەي، گۇاڭدۇڭ قاتارلىق سەككىز رايون يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ئالدىن يولغا قويۇپ سىناق قىلدى. ئۆتكەن يىلى بىرىنچى تۈركۈمدىكى 13 ئىسلاھات تەدبىرى پۈتۈن مەملىكەتكە ئومۇملاشتۇرۇلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار قارار قىلىندى: يېڭى بىر تۈركۈمدىكى 23 ئىسلاھات تەدبىرىنى تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە ئومۇملاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىشقا تېخىمۇ ئىلھاملاندۇرۇپ، تەرەققىياتنىڭ يېڭى قۇۋۋىتىنى يېتىشتۈرۈپتۇ زورايتىش كېرەك. بۇنىڭ ئىچىدە مۇنۇلارنى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئومۇملاشتۇرۇش لازىم. بىرىنچى، پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئۆزلەشتۈرۈشكە ئىلھاملاندۇرۇشنى كۈچەيتىش. تەتقىقات ئورۇنلىرى ۋە كەسپىي ئورۇنلارنىڭ باشقۇرغۇچىلىرى، پەن-تەتقىقات خادىملىرىنىڭ «تېخنىكا پېيى+نەق پۇل پېيى» شەكلىدە پاي ھوقۇقىغا ئېرىشىشىغا يول قويۇش. تېخنىكا باشقۇرغۇچى جەلىپ قىلىپ، نەتىجىنى ئۆزلەشتۈرۈشنىڭ پۈتۈن جەريانىغا قاتناشتۇرۇش. ئالىي مەكتەپ، پەن-تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ زاكاس قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق كارخانىلارنىڭ تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشىغا قاتنىشىشىغا ئىلھام بېرىش. ئىككىنچى، ئوتتۇرا-كىچىك پەن-تېخنىكا كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش يوللىرىنى كېڭەيتىش. ھۆكۈمەت پاي ھوقۇقى فوندىنىڭ ئۇرۇق مەزگىلى ۋە بىخ مەزگىلىدىكى پەن-تېخنىكا كارخانىلىرىغا مەبلەغ سېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش. ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش كوللىتىپى مەبلەغ دەسمايىسى ۋە شۇ مەزگىلدىكى سودا قەرزى پۇلى ئۆسۈمى بويىچە، ھۆكۈمەت سېلىنما فوندى قولىدىكى پاي ھوقۇقىنى سېتىۋېلىشقا كېلىشسە بولىدۇ. ئۈچىنچى، دۆلەت ئىلكىدىكى پەن-تەتقىقات جاپدۇقلىرىنى بازارلاشتۇرۇش ئۇسۇلى بويىچە يۈرۈشتۈرۈپ، تەڭ بەھرىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېڭىلىق يارىتىش، ھەل قىلغۇچ تەدبىرنىڭ خاتالىقىنى سىغدۇرۇش مېخانىزىمىنى تۇرغۇزۇش. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قىسمەن رايونلاردا پەن-تەتقىقات خادىملىرىغا مەلۇم نىسبەتتە ۋەزىپىسىگە مۇناسىۋەتلىك پەن-تېخنىكا نەتىجىسىگە ئىگە بولۇش ھوقۇقى بېرىش، رايون خاراكتېرلىك پاي ھوقۇقى بازىرىدا پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بۆلۈكى تەسىس قىلىش، يەرلىك ئالىي مەكتەپلەر ئۆز ئالدىغا ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىش ۋە ئۇنۋان باھالاشتىن ئىبارەت ئۈچ ئىسلاھات تەدبىرىنى سەككىز سىناق رايونىغا ئومۇملاشتۇرۇش. يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئىسلاھات تەدبىرلىرىگە ئىز قوغلاپ باھا بېرىشنى كۈچەيتىپ، تەجرىبىلەرنى خۇلاسىلاپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پەن تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش رولىنى تېخىمۇ جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

  پاتېنت ھوقۇقى، كىشىلىك ھوقۇق ۋە مەنپەئەتنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، ئىجاد قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى ئۇرغۇتۇپ، ئەمەلىيەت جەريانىدىكى پىشقان ئۇسۇللارنى قانۇنغا ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، يىغىندا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پاتېنت ھوقۇقىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى» ماقۇللاندى. لايىھە بىلىم-مۈلۈك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىشقا زەربە بېرىشنى كۈچەيتىپ، خەلقئارادىكى ئۇسۇللاردىن ئۆرنەك ئېلىپ، قەستەن دەخلى-تەرۇز قىلىش، ساختا پاتېنتنىڭ تۆلەم بېرىش، جەرىمانە تۆلەش سوممىسىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈپ، دەخلى-تەرۇز قىلىش تەنەرخنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۇپ، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى قاتتىق چۆچۈتىشنى مەقسەت قىلىپ تۈزۈلدى؛ لايىھەدە ھوقۇققا دەخلى قىلغان كىشىنىڭ ئالاقىدار ماتېرىياللارنى ماسلىشىپ تەمىنلەشتىن ئىبارەت ئىسپات كۆرسىتىش جاۋابكارلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، تور مۇلازىمىتى تەمىنلىگۈچىنىڭ ھوقۇققا دەخلى قىلىش قىلمىشىنى ۋاقتىدا توسىمىسا، چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. لايىھەدە يەنە ئىجادكار ياكى لايىھەلىگۈچىلەرنى ۋەزىپىسىگە مۇناسىۋەتلىك ئىجادىيەت ئارقىلىق قىلغان كىرىمنى بۆلۈشكە ئىلھاملاندۇرۇش مېخانىزىمى بېكىتىلدى، پاتېنت ھوقۇق بېرىش تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرۈلدى. يىغىندا لايىھەنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى.

  يىغىندا «بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەقەلىرىگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش نىزام لايىھەسى» ماقۇللىنىپ، مۇھىم ساھەلەر، ئاھىدە ئېغىر ۋەقەلەرنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، جىددىي قۇتقۇزۇش ئالدىن لايىھەسىنى تۈزۈش، تۈزىتىش كىرگۈزۈش، قۇتقۇزۇش قوشۇنى قۇرۇلۇشى قاتارلىق تەلەپلەر بەلگىلەندى.

  يىغىندا يەنە باشقا ئىشلارمۇ تەتقىق قىلىندى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر