باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

پاناما قانىلىدىكى چوڭ كۆۋرۈك شەرق بىلەن غەربنى كېسىپ ئۆتۈپ، دوستلۇقنى تۇتاشتۇردى

2018.12.06 16:26         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پاناما قانىلىنىڭ يېنىدا تۇرۇپ قارىسىڭىز كۆك ئاسمان، ئاق بۇلۇت، يېشىل تاغ، سۈپ-سۈزۈك سۇدىن ئىبارەت بۇ گۈزەل مەنزىرىنى كۆرەلەيسىز. بوشلۇقتىن قارىسىز قانال خۇددى بىر كۈمۈش زەنجىرگە ئوخشاش، يېشىل تاغنىڭ ئوتتۇرىسىغا كەڭ سوزۇلغان بولۇپ، تىنچ ئوكيان بىلەن ئاتلانتىك ئوكياننى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدۇ. بۇ قانالنىڭ دېڭىزغا كىرىش ئېغىزىدا، مۇنارسىمان كران، يۈك ساندۇقلىرى تاغدەك دۆۋىلىنىپ كەتكەن، چوڭ پاراخوتلار پىرىستاندا يۈك قاچىلاش يۈك چۈرۈشنى كۈتۈپ تۇرغان، قارا ماشىنىلار يۈكلەرنى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا توشۇشنى كۈتۈپ تۇرغان كۆرىنىشلەرنى كۆرگىلى بولىدۇ.

  پاناما قانىلىدىن ئىبارەت يەر شارىدىكى %6 كە يېقىن سودا مىقدارىنى كۆتۈرۈپ تۇرىۋاتقان بۇ«ئالتۇن سۇ يولىدا» جىمجىتلىق بىلەن ئالدىراشچىلىق گىرەلىشىپ كەتكەن.

  12-ئاينىڭ 4-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، تىنچ ئوكياننىڭ دېڭىزغا كىرىش ئېغىزىغا يېقىن جايدىكى پاناما دېڭىز ئىشلىرى داشۆسىدە، قانالنىڭ تارىخ بېتىدىن ئورۇن ئالالايدىغان زور ئىشلار كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلدى. پاناما قانىلىدىكى تۆت كۆۋرۈكتە قۇرۇلۇش باشلاش موراسىمى ئۆتكۈزۈلىۋاتاتتى. جۇڭگو قاتناش قۇرۇلۇش ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركىتى ۋە جۇڭگو گاڭۋەن قۇرۇلۇش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ بىرلەشمە تىجارەت گەۋدىسى پاناما زۇڭتۇڭى بارېلانىڭ قولىدىن قۇرۇلۇش باشلاش بۇيرۇقىنى ئالدى. بۇ، تۆت كۆۋرۈكتە رەسمىي قۇرۇلۇش باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بىر زامانىۋىلاشقان كۆۋرۈك قانالنى توغرىسىدىن كېسىپ ئۆتۈپ، ياش ۋە قەدىمى جۇڭگو-پاناما مۇناسىۋىتىگە قويۇق بىر تۈس قوشتى.

  ياش دېيىشىمىزدىكى سەۋەپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىغا بىر يېرىم يىل ۋاقىت بولدى؛ قەدىمىي دېيىشىمىزدىكى سەۋەپ، تۇنجى تۈركۈمدىكى جوڭگولۇقلار پاناماغا بېرىپ تۆمۈر يول سالغان، قانال قازغان تارىخنى 160 نەچچە يىل ئىگىرىكى ۋاقىتتىن باشلاپ سۈرۈشتۈرگىلى بولىدۇ. موراسىمىدا بارېلا جۇڭگولۇقلارنىڭ پانامانىڭ قۇرۇلۇشىغا قاتناشقان مۇساپىسى ئۈستىدە توختىلىپ، بۇ كىشىلەر توپىنىڭ ئوتتۇرا ئامېرىكا قىتەسىدىكى دۆلەتكە قوشقان تۆھپىسىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.

  جۇڭگو قاتناش قۇرۇلۇش ھەسسدارلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇدىرى ليۇ چىتاۋ سۆزىدە مۇنداق دېدى: «قانالدىكى تۆت كۆۋرۈك» كۆۋرۈكنىڭ تۈۋرۈكى بىلەن پولات زەنجىرنى تۇتاشتۇرۇپلا قالماستىن، جۇڭگو بىلەن پاناما دوستلۇقىنىڭ ئەل قەلبى ۋە ئىشەنچىسىنى تۇتاشتۇردى. قاتناش بىلەن ئەشيا ئوبوروتىنى تۇتاشتۇرۇپلا قالماستىن، ئىككى دۆلەت تەرەققىياتىدىكى پۈرسەت بىلەن گۈللىنىشنى تۇتاشتۇردى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، پاناما قانىلىدىكى تۆت كۆۋرۈك قوش مۇنار قوش زەنجىرلىك قىيپاش تارتىلغان ئاسما كۆۋرۈك شەكلىدە لايىھىلەنگەن بولۇپ، كۆۋرۈك گەۋدىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 1010 مېتىر كېلىدىكەن، قانالنى كېسىپ ئۆتىدىغان ئۇزۇنلۇق 510 مېتىر بولۇپ، بوشلۇق ئىگىزلىكى 75 مېتىر كېلىدىكەن؛ شەرقى بىلەن غەربىدە كۆۋرۈك باشلىمىسى ھەمدە ئۆز ئارا تۇرىشىدىغان8 ئۆتۈشمە كۆۋرۈك باركەن. بۇ كۆۋرۈك تاشيول بىلەن تۆمۈر يولغا ئىشلىتىلىدىغان قىلىپ لايىھىلەنگەن بولۇپ، قوش يۆنىلىشتە ئالتە ئاپتوموبىل يولى بار. ئوتتۇرىسى پىلاندىكى پاناما شەھەر يەر ئاستى پويىزى 3-لىنىيىسىگە قالدۇرۇلغان بولۇپ، كۆۋرۈك يۈزىنىڭ كەڭلىگى 51 مېتىر، ئىشلىتىلىش ئۆمۈرى 100 يىل قىلىپ لايىھىلەنگەن.

  پاناما قانىلىدىكى تۆت كۆۋرۈك ھازىرغا قەدەر جۇڭگو كارخانىسى پانامادا سالغان ئەڭ چوڭ ئاممىۋى قۇرۇلۇش تۈرى بولۇپ، توختام ئومۇمىي سوممىسى 1مىليارد 520 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدۇ، 2023-يىلغىچە قۇرۇلۇش پۈتۈشى مۈمكىن. بەش يىلدىن كېيىن، تېخنىكا جەھەتتە ئىلغار، يېشىلم مۇھىت ئاسرايدىغان يۇقىرى ئۆلچەملىك چوڭ كۆۋرۈك تىنچ ئوكياننىڭ بىر تەرىپىدىن قانالنىڭ ئىككى قىرغىقىنى كېسىپ ئۆتۈپ، پانامانىڭ ئىجتىمائىي ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچ قوشىدۇ. پاناما قانىلىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جىنھانو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: قانالدىكى تۆت كۆۋرۈك شەرقى قىرغاق بىلەن غەربىي قىرغاق ئوتتۇرىسىدىكى تېخىمۇ ئالدىراش قاتناشنى پەسەيتەلەيدۇ. ئۇ مۇنداق دەپ ھىسابلىدى: بۇ كۆۋرۈكنىڭ قۇرۇلۇشىنى جۇڭگو كارخانىسى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ بىر بەلباغ بىر يولنى بىرلىكتە قۇرۇشىنىڭڭ ئەمەلىي مىسالى. جۇڭگو بىلەن پانامانىڭ بۇ جەھەتتىكى ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور، ئۇ يەنە قانالنى باشقۇرۇش ئىدارىسى قانالدا 1200 گېكتار يەرنى ئەشيا ئوبوروت باغچا رايونى قۇرۇشقا قالدۇرۇپ قويدى، دېدى.

  نۇرغۇن يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو پانامانىڭ 2-چوڭ سودا شېرىكى ۋە پاناما قانىلىنىڭ 2-چوڭ خېرىدارى بولۇپ كەلدى. جۇڭگو كارخانىلىرىمۇ پاناما بىلەن پاناما قانىلىنىڭ قۇرۇلۇشىغا پائال قاتناشتى. 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 26-كۈنى جۇڭگو يىراق ئوكيان دېڭىز تىرانسىپورت گۇرۇھىنىڭ «پاناما» ناملىق يۈك پاراخوتى پاناما قانىلىنى كېڭەيتىپ سېلىش قۇرۇلۇشى پۈتكەندىن كېيىن قاتنىغان تۇنجى پاراخوتقا ئايلاندى؛ جۇڭگو گاڭۋەن شىركىتى ئىلگىرى كېيىن بولۇپ پاناما كېلون پورتى- پىرىستانىنى كېڭەيتىپ سېلىش قۇرۇلۇشى ۋە پانامادىكى پوچتا پاراخوتى پىرىستان تۈرىنى ئۈستىگە ئالدى. لەنچياۋ گۇرۇھى قۇرۇلۇشنى ئۈستىگە ئالغان كولونما ئارىلى پورتىنى كېڭەيتىپ سېلىش تۈرىدىمۇ 2017-يلى قۇرۇلۇش باشلاندى؛ جۇڭگو قۇرۇلۇش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ئىلگىرى كېيىن بولۇپ پاناما ھۆكۈمىتىنىڭ «ئارزۇشەھىرى» ئەمىن ئۆي تۈرى، پاناما خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزى ۋە پاناما شەھىرىنىڭ ئاممىۋى قاتناش تۈگۈنى قاتارلىق ئۇل قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى ئۈستىگە ئالدى.

  جۇڭگو بىلەن پاناما ھەمكارلىقىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، قانالنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ رىشتىسى بولۇش رولى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى، ئىككى تەرەپ سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت ۋە ئادىمىيەت ھەمكارلىقى ئالماشتۇرىشىدا تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي نەپكە ئېرىشىدۇ.ئەمگەكچان ئەقىل پاراسەتلىك ئىككى دۆلەت خەلقلىرى داۋاملىق جۇڭگو بىلەن پاناما قانىلى ھېكايىسىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى يېزىپ قالدۇرىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر