خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12- ئاينىڭ 5- كۈنى، شۋېيتسارىيەنىڭ پايتەختى بېرندا، يېڭىدىن سايلانغان شىۋېيتسارىيە فېدېراتسىيە كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى كارىن.كېللېر-زۇپىتېر (ئالدىنقى رەت ئوڭدىن ئىككىنچى كىشى) ۋە ئوۋلا. ئامتېر (ئالدىنقى رەت سولدىن ئىككىنچى) پارلامېنتتا قەسەم بېرىپ ۋەزىپىگە ئولتۇردى.
شۇ كۈنى، شۋېيتسارىيە فېدىراتسىيە پارلامېنتى مىللى پالاتاسى ۋە فېدېراتسىيە پالاتاسىدىن ئىبارەت ئىككى پالاتا بىرلەشمە يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، كارىن.كېللېر-زۇپىتېر ۋە ئوۋلا. ئامتېرنى شۋېيتسارىيە فېدېراتسىيە كومىتېتىنىڭ يېڭى ئەزاسى قىلىپ سايلىدى. شۋېيتسارىيە فېدېراتسىيە كومىتېتى بولسا، دۆلەتنىڭ ئەڭ ئالىي مەمۇرىي ئورگىنى بولۇپ، يەتتە نەپەر ئەزادىن تەركىب تاپقان، ھەربىر ئەزا فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بىر تارمىقىنى باشقۇرىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى