ئۆز خەۋىرىمىز(قومۇل گېزىتى مۇخبىرى ساۋ شىنجيا فوتوسى، خەۋىرى): 11-ئاينىڭ 21-كۈنى، قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونى غەربىي تاغ يېزىسىدا بىر تۇردۇس شاختىكى جىگدىنى يېيىش بىلەن «ئالدىراش» ئىدى. ئۇنىڭ شاختا تۇرۇپ جىگدە يېيىشى شۇنچىلىك ئوماق ئىدىكى، ئۇ تۇمشۇقى بىلەن شاختىكى جىگدىنى چوقۇپ ئېلىپ بېشىنى كۆتۈرۈپ جىگدىنى پۈتۈن يۇتىۋېتەتتى. يەنە بەزىدە تېخى ئېغىزىغا ئېلىپ بولغان جىگدىلەر يەرگە چۈشۈپ كېتەتتى. بۇ چاغدا دەرەخ تۈۋىدە تۇرغان كالا ـ قويلار ئاسماندىن چۈشكەن بۇ «ئولجا»نىمۇ بىكار قويمايتتى.
ئىگىلىنىشىچە، تۇردۇس ئاساسلىقى شىنجاڭنىڭ غەربىي جەنۇبى، غەربىي شىمالىدىكى تاغلىق رايونلارغا تارقالغان بولۇپ، قومۇل غەربىي تاغ يېزىسىدىلا سانى نەچچە يۈزگە يېتىدىكەن. شىنجاڭدا تۇردۇس تۈرىدىن ياۋروپا تۇردۇس قۇشقىچى ۋە تۇردۇستىن ئىبارەت ئىككى خىلىلا بولۇپ، بۇلار ئىچىدە تۇردۇسنىڭ تېنى ياۋروپا تۇردۇس قۇشقىچىدىن بىر ئاز چوڭ ئىكەن. ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، تۇردۇسنىڭ ئېگىزلىكى 30 سانتىمېتىرغا يېتىدىغان بولۇپ، ئادەتتە دېڭىز يۈزىدىن 2170-1290 مېتىر ئېگىزلىكتىكى ئېگىز تاغ ئورمانلىق يايلىقى، ئېگىز تاغ يىڭنە يوپۇرماقلىق ئارىلاش ئورمانلىقى ياكى دەريا ۋادىسىدىكى ئورمانلىقلاردا ياشايدىكەن.