باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

چىقىم قىلىش كەسپىي ئاپپاراتى ئەسلىي مەنبەگە قايتىدۇ

مەركىزىي خەلق بانكىسى خېرىدار چىقىم ئېھتىيات فوندى ئىسچوتىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ

2018.12.06 16:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي خەلق بانكىسى چىقىم راسچوت مەھكىمىسى يېقىندا «جۇڭگو خەلق بانكىسى چىقىم راسچوت مەھكىمىسى چىقىم قىلىش ئاپپاراتلىرىنىڭ خەلق پۇلى خېرىدار چىقىم ئېھتىيات فوندى ئىسچوتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشىغا دائىر خىزمەتلەر توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش»نى تارقىتىپ، چىقىم قىلىش ئاپپاراتلىرىدىن بانكا بىرلەشمىسى ۋە تور بىرلەشمە ھېسابات ئېنىقلاش سۇپىسىغا تايىنىپ پۇل ئېلىش، پۇل تۆلەش قاتارلىق كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنىڭ 2019-يىلى 1-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن بۇرۇن چىقىم ئېھتىيات فوندى بانكىسىدا ئاچقان خەلق پۇلى خېرىدار چىقىم ئېھتىيات فوندى ئىسچوتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشىنى تەلەپ قىلدى، بەلگىلىمىدە ساقلاپ قېلىشقا بولىدىغان ئىسچوت بۇنىڭ سىرتىدا.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: چىقىم قىلىش ئاپپاراتى يولغا قويۇشقا بولىدىغان ھېسابتىن ئۆچۈرۈش پىلانىنى تۈزۈپ، چىقىم ئېھتىيات فوندى بانكىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ھېسابتىن ئۆچۈرۈش ۋاقتىنى بېكىتىپ، چىقىم كەسپىنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشى لازىم. چىقىم ئېھتىيات فوندى بانكىسى چىقىم ئېھتىيات فوندى ئىسچوتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش جەريانىدا ھېسابلارنى سېلىشتۇرۇپ، ھېسابات ئىشلىرىنىڭ ئېنىق، خېرىدار چىقىم ئېھتىيات فوندىنىڭ ئۆچۈرۈلۈش ۋە قوبۇل قىلىش جەريانىنىڭ تولۇق، بىخەتەر بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  ئۇقتۇرۇشتا يەنە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: خەلق بانكىسىنىڭ تارماق ئاپپاراتلىرى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، چىقىم ئاپپاراتلىرىنىڭ ھېسابتىن ئۆچۈرۈش پىلانىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش، چىقىم ئاپپاراتلىرىنىڭ بىكار قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنىڭ كونكرېت سەۋەبى ۋە ھەل قىلىش چارىسىنى بىر-بىرلەپ چۈشەندۈرۈشىنى تەلەپ قىلىش، ھېسابتىن ئۆچۈرۈش ۋاقتىنى سەۋەبسىز كەينىگە تارتقانلارغا قارىتا، ئالاقىدار چىقىم قىلىش ئاپپاراتى ۋە ئالاقىدار چىقىم ئېھتىيات فوندى بانكىسىنى تەكشۈرۈش، ھەيدەكچىلىك قىلىش سالمىقىنى زورايتىش كېرەك.

  جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى پۇل مۇئامىلە مەركىزى راسچوت تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەكلىپلىك تەتقىقاتچىسى جاۋ ياۋ مۇنداق دەپ قارىدى: «قىسمەن چىقىم قىلىش ئاپپاراتلىرى چىقىم قىلىش ئۇسۇللىرىنى بېيىتىش، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنى قولايلىقلاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە كۈچ چىقارماستىن، بەلكى خېرىدارلارنىڭ چىقىم ئېھتىيات فوندىنى قانۇنغا خىلاپ ئىشلىتىۋېلىپ، خېيىمخەتىرى يۇقىرى بولغان مەبلەغ سېلىش ھەركىتى ئېلىپ بارغان، چىقىم ئېھتىيات فوندىنى يىغىشنى ئۆزلىرىنىڭ چوڭ خېرىدار قوبۇل قىلىش كۆلىمىگە يېتىش نىشانى قىلغان. مەركىزىي بانكا چىقارغان چىقىم ئېھتىيات فوندىنى مەركەزلەشتۈرۈپ ساقلاشقا تاپشۇرۇش ئۇزاق مۇددەتلىك تۈزۈمى ئارقىلىق بىر قىسىم چىقىم قىلىش ئاپپاراتلىرىنىڭ خېرىدار چىقىم ئېھتىيات فوندىغا تايىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، چىقىم قىلىش ئاپپاراتلىرىنىڭ زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، خېرىدارلارنىڭ چىقىم قىلىش ھېسياتىنى ياخشىلىشى، چىقىم قىلىش كەسپىي ئاپپاراتىنى ئەسلىي مەنبەگە قايتۇرۇشى لازىم.»

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر