باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ گۇاڭخۈي ئاپتوموبىلى ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى تاشقى لىنىيەدىكى چەت ئەللىك ئەزانى ئالماشتۇردى، مىنىراسنىڭ ئورنىغا خاداد ئالماشتى

2018.12.07 16:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6-سېنتەبىر CBA شىركىتى شىنجاڭ گۇاڭخۈي ئاپتوموبىلى ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى تاشقى لىنىيەدىكى چەت ئەللىك ئەزانى ئالماشتۇرغانلىقىنى، 33 ياشلىق خادادنى 30 ياشلىق مىنىراسنىڭ ئورنىغا ئالماشتۇرغانلىقىنى خەۋەر قىلدى، خاداد شىنجاڭ كوماندىسى ئۈچۈن 17-ئايلانمىدىن كېيىنكى مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىدۇ.

  2016-2015-يىللىق CBA مۇسابىقە پەسلىدە، خاداد ھەر مەيداندا 19.9 نومۇر ئېلىش، 15.8 گاردىن قايتقان توپنى تالىشىپ ئېلىش، 5.2 قېتىم پاس بېرىشتەك ياخشى ئىپادىسى بىلەن سىچۈن جىڭچياڭ كوماندىسىنى يېتەكلەپ، كوماندا تارىخىدىكى تۇنجى CBA چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈردى ۋە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىنىڭ MVPسى بولدى. خادادنىڭ بويى 2.18 مېتىر، بەدەن ئېغىرلىقى 127 كىلوگرام بولۇپ، 2008-يىلى NBAغا قېتىلغان، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ- مېمپىس ئېيىقى، تورونتو ئەجدىھاسى ۋە پېنىكىس قۇياشى كوماندىلىرىدا توپ ئوينىغان، 2013-يىلى CBAغا قېتىلىپ، سىچۈەن جىڭچياڭ كوماندىسىدا توپ ئوينىغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر