باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«ئۇلۇغ ئۆزگىرىشلەر– ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى خاتىرىلەش چوڭ تىپتىكى كۆرگەزمىسى»نى ئېكسكۇرسىيە قىلغانلارنىڭ سانى بىر مىليوندىن ئاشتى

2018.12.07 15:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «ئۇلۇغ ئۆزگىرىشلەر– ئىسلاھات ۋەئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى خاتىرىلەش چوڭ تىپتىكى كۆرگەزمىسى» 11- ئاينىڭ 13- كۈنىدىن باشلاپ جامائەتچىلىككە ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيان، ھەر قايسى جايلاردىكى ئېكسكۇرسىيە قىلغۇچىلارنى جەلپ قىلدى. 12- ئاينىڭ 6- كۈنى چۈشتىن كېيىنگىچە، نەق مەيداندا ئېكىسكۇرسىيە قىلغۇچىنىڭ سانى بىر مىليوندىن ئاشتى.

  12 - ئاينىڭ 6- كۈنى بۇ يىل بېيجىڭدا قىش كىرگەندىن بۇيانقى ئەڭ سوغۇق بىر كۈن بولدى، لېكىن سوغۇق ھاۋا ئۇ ئاممىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن ئېكسكۇرسىيە قىزغىنلىقىنى توسالمىدى. ئەتىگەن، چۇڭچىڭدىن كەلگەن خۇاڭ چۈنخوڭ دۆلەت مۇزېيىغا كىرىپ، «ئۇلۇغ ئۆزگىرىشلەر– ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى خاتىرىلەش چوڭ تىپتىكى كۆرگەزمىسى»نى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. تۆتىنچى كۆرگەزمە رايونىدىكى «بەش ئەۋلاد» تېمىسىدىكى بىر پارچە كۆرگەزمە رەسىمى ئالدىدا، خۇاڭ چۈنخوڭ ھاياجانلانغان ھالدا مۇخبىرغا مۇنۇلارنى دېدى: «مانا بۇ مېنىڭ يۇرتۇم.» خۇاڭ چۈنخوڭنىڭ ئائىلىسىدە ھازىر 120دىن ئارتۇق ئادەم بار، ئۇلار بەش ئەۋلاد بولۇپ، 90 نەچچە ياشلىق گاۋ موما مۇشۇ ئائىلىنىڭ چوڭى.

  «ئۇلۇغ ئۆزگىرىشلەر– ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى خاتىرىلەش چوڭ تىپتىكى كۆرگەزمىسى» باشلانغاندىن بۇيان، ئېكسكۇرسىيە قىلغۇچىلارنىڭ نەق مەيداندا تاپشۇرۇپ قالدۇرغان سۆزلىرى 1 مىليون 280 مىڭ خەتكە يەتكەن.ئۇلار، "ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىشتا چىڭ تۇرغاندا، جۇڭگونىڭ كەلگۈسى تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ"، "ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىن بۇيان، بىزنىڭ ۋەتىنىمىزدە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى"،"دەۋرگە سالام! مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن ھەربىر ئاددى كىشىلەرگە سالام! بۇ ئۇلۇغ دەۋر سىزنىڭ ۋە مېنىڭ بىر كىشىلىك تۆھپىمىزنى قوشىشىمىزغا مۇھتاج!"... ئېكسكۇرسىيە قىلغۇچىلارنىڭ سەمىمىي سۆزلىرى، ئۇلارنىڭ قەلبلىرىدىكى قايناق مەردانە ھېسسىياتلىرىنى ئىپادىلىدى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا مېڭىش ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىشەنچىسى ۋە ئىرادىسىنى ئىپادىلىدى.

  كۆرگەزمىنىڭ ئاممىۋىلىقى ۋە قاپلاش دائىرىسىنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، كۆرگەزمىنىڭ تەسىر كۈچى ۋە تارقىتىش كۈچىنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئاممىغان بۇ كۆرگەزمىنى قولايلىق، تېز، مول ۋە جانلىق ھالدا ھېس قىلدۇرۇش ئۈچۈن، «ئۇلۇغ ئۆزگىرىشلەر– ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى خاتىرىلەش چوڭ تىپتىكى كۆرگەزمىسى»نىڭ "توردىكى كۆرگەزمە سارىيى"مۇ يېقىندا ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. 12- ئاينىڭ 6- كۈنى سائەت 17گىچە، توردىكى كۆرگەزمە سارىيى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن بەش كۈندىن بۇيان، ئۇنىڭ توردا كۆرۈلۈش ئومۇمىي مىقدارى 43 مىليوندىن ئاشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر