باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى 2019- يىللىق بىر قىسىم بايراملىق دەم ئېلىش كۈنلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنى ئېلان قىلدى

2018.12.07 14:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقى بىلەن، 2019- يىللىق يېڭى يىل بايرىمى، چاغان، چوكانتال بايرىمى، ئەمگەكچىلەر بايرىمى، تاڭزۇڭزا چاغىنى، تاۋۇز چاغىنى ۋە دۆلەت بايرىمى قاتارلىق بايراملاردا دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش توغرىسىدىكى كونكرېت ئورۇنلاشتۇرۇشلار ھازىر تۆۋەندىكىچە ئۇقتۇرۇش قىلىنىدۇ:

  1، يېڭى يىل بايرىمىدا: 2018- يىلى 12- ئاينىڭ 30- كۈنىدىن 2019- يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنىگىچە جەمئىي ئۈچ كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ. 2018- يىلى 12- ئاينىڭ 29- كۈنى (شەنبە ) نورمال خىزمەت قىلىنىدۇ .

  2، چاغاندا: 2- ئاينىڭ 4- كۈنىدىن 10- كۈنىگىچە جەمئىي يەتتە كۈندەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ. 2- ئاينىڭ 2- كۈنى (شەنبە) ۋە 2- ئاينىڭ 3- كۈنى (يەكشەنبە) نورمال خىزمەت قىلىنىدۇ.

  3، چوكانتال بايرىمىدا: 4- ئاينىڭ 5- كۈنى دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ، شەنبە ۋە يەكشەنبە كۈنلىرىمۇ ئۇلاپ دەم ئېلىنىدۇ.

  4، ئەمگەكچىلەر بايرىمىدا: 5- ئاينىڭ 1- كۈنى دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ.

  5، تاڭزۇڭزا بايرىمىدا: 6- ئاينىڭ 7- كۈنى دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ، شەنبە ۋە يەكشەنبە كۈنلىرىمۇ ئۇلاپ دەم ئېلىنىدۇ.

  6، تاۋۇز چاغىنىدا: 9- ئاينىڭ 13- كۈنى دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ، شەنبە ۋە يەكشەنبە كۈنلىرىمۇ ئۇلاپ دەم ئېلىنىدۇ.

  7، دۆلەت بايرىمىدا:10 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنىدىن 10 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنىگىچە جەمئىي يەتتە كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ. 9- ئاينىڭ 29- كۈنى (يەكشەنبە) ۋە 10- ئاينىڭ 12- كۈنى (شەنبە) نورمال خىزمەت قىلىنىدۇ.

  بايراملىق دەم ئېلىش مەزگىللىرىدە، جايلار ۋە تارماقلار دىژورنىلىق ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە بىخەتەرلىك قوغداش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇشى، زور تاسادىپىي ۋەقە يۈز بېرىپ قالسا، بەلگىلىمە بويىچە ۋاقتىدا دوكلات قىلىشى، ھەمدە مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشى، خەلق ئاممىسىنىڭ بايراملارنى تېنچ-ئامان ۋە خۇشال-خۇرام ئۆتكۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر