باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ئىسپانىيە، ئارگېنتىنا، پاناما، پورتۇگالىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى ۋە 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلىرىنىڭ 13-قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن،

شى جىنپىڭ بېيجىڭغا قايتىپ كەلدى

2018.12.07 16:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 12-ئاينىڭ 6-كۈنى ئىسپانىيە، ئارگېنتىنا، پاناما، پورتۇگالىيەدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى ۋە 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلىرىنىڭ 13-قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، بېيجىڭغا قايتىپ كەلدى.

  رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى دىڭ شۆشياڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي تاشقى ئىشلار خىزمىتى كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ياڭ جيېچى، دۆلەت كومىسسارى، قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى خې لىفېڭ قاتارلىق ھەمراھلارمۇ شۇ ئايرۇپىلاندا يېتىپ كەلدى.

  شۇ جاي ۋاقتى 5-چېسلا چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ لىسبوندىن ئايرىلىپ دۆلىتىمىزگە قايتتى. پورتۇگالىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى سىلۋا قاتارلىقلار ئايرودرومغا چىقىپ ئۇزىتىپ قويدى. مەخسۇس ئايروپىلان پورتۇگالىيە ھاۋا تەۋەلىكىدىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن، پورتۇگالىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئىككى ئايروپىلانى قوغداپ ئۇچتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر