باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

24 يىلدا 500دىن ئارتۇق تەتقىقات ئاپپاراتىنى كىرگۈزگەن سۇجۇ سانائەت باغچىلاشقان رايونى

__ ئەقىلنى ئىشلەتسە قوشقانلىق، يېڭىلىق ياراتسا كۆپەيتكەنلىك بولىدۇ (ھەيۋەتلىك شەرق تاشقىنى يېڭى دەۋردە داغدام ئىلگىرىلىدى __ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى)

2018.12.07 16:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جياڭسۇ ئۆلكىسى سۇجۇ شەھىرى نانومېتىر تېخنىكىسى دۆلەتلىك ئالىي مەكتەپ پەن- تېخنىكا باغچىسى ئىچىدە تەتقىقاتچىلار پرىماتلارنىڭ پۈتۈن مېڭە ئۈچ ئۆلچەملىك خەرىتىسىنى سىزماقتا ئىدى، ھەربىر تال نېرۋا تالاسى، ھەربىر تال قان تومۇرىنى ئېنىق كۆرگىلى بولاتتى. بۇ، ئوتتۇرا جۇڭگو پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ( سۇجۇ ) مېڭە بوشلۇق ئۇچۇرى تەتقىقات يۇرتىنىڭ «پۈتۈن مېڭە تور كۆرۈنمە» تەتقىقات ئۆمىكىنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

  مۇشۇنىڭغا ئوخشاش پەن تەتقىقات ئورنى ۋە يۇرتلىرى سۇجۇ سانائەت رايونىدا خېلى كۆپ بار. 1994-يىلى باغچا قۇرۇلغاندىن تا ھازىرغىچە، سۇجۇ سانائەت رايونى جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى نانومېتىر تەتقىقات ئورنى قاتارلىق «دۆلەت دەرىجىلىك» پەن تەتقىقات ئورۇنلىرىدىن ئون نەچچىنى، خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى ۋېيتىز يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى قاتارلىق ھەمكارلىشىپ يېڭىلىق يارىتىش سۇپىلىرىدىن يىگىرمە نەچچىنى، مىكروسوفت، خۇاۋېي قاتارلىق تەتقىقات ئاپپاراتلىرىدىن 500گە يېقىننى كىرگۈزدى. كەسىپ، ئوقۇتۇش، تەتقىقات ئورۇنلىرى بىرلىكتە يېڭىلىق يارىتىش __ سۇجۇ سانائەت رايونىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتىدىكى مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى بولۇپ قالدى.

  «كەسىپلەر رايونى بولۇش سۈپىتى بىلەن، نېمىشقا مېڭە ئىلىم-پەن ئۇل خاراكتېرلىك تەتقىقات ئورۇنلىرىنى كىرگۈزىدۇ؟»، سۇجۇ سانائەت رايونى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋۇ چىڭۋېن مۇخبىرنىڭ سوئاللىرىغا مۇنداق جاۋاپ بەردى: ئۇل تەتقىقاتى گەرچە قىسقا مەزگىل ئىچىدە ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارىتالمىسىمۇ، لېكىن يېڭىلىق يارىتىشتا ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بولىدۇ، سانائەت رايونى ئەقلىي كۈچ كىرگۈزۈپ قوشۇش، يېڭىلىق يارىتىپ كۆپەيتىش ئۇسۇلىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى لازىم.

  يۇرتلار، ئورۇنلار يېڭىلىق يارىتىش پەن تەتقىقات ئىشلىرىدىكى ئىنكۇباتورغا ئايلاندى. سىنگاپور دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتى سۇجۇ تەتقىقات ئورنىدا، يەر شارى بويىچە تۇنجى ئادەمنىڭ قول-پۇت-ئېغىز كېسىلى گېن قۇرۇلۇشى ۋاكسىنىسى كىلىنىكىلىق سىناق باسقۇچىغا قەدەم قويدى. جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى سۇجۇ نانو تېخنىكىسى ۋە نانو تەقلىدىي تەتقىقات ئورنىدا، ئەۋرىشىم تاقالما ئېلېكتىرون ۋە ئۇنى ئەمەلىي قوللىنىش، گرافىت ئالكېن گاز يېلىم ئەقلىي ئىقتىدارلىق تالا، نېپىز پەردىلىك فوتوۋولت يۈزلۈك ماتېرىيال، DNA-ئاقسىل كۆپ دەرىجىلىك كونترول قىلىنىدىغان ئۈسكۈنىلەرنى قۇراشتۇرۇش قاتارلىق تەتقىقاتلاردا مۇھىم ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر