باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى ئۇقتۇرۇش بېسىپ تارقاتتى

نامرات ناھىيەلەرنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىغاندىن كېيىن تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈشىگە بولمايدۇ

2018.12.07 15:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى يېقىندا ئۇقتۇرۇش بېسىپ تارقىتىپ، نامرات ناھىيەلەرنىڭ نامراتلىقتىن قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاشقا ئالاقىدار خىزمەتلەرنى قېلىپلاشتۇردى. ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: نامرات ناھىيەلەرنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاش باش تېما پائالىيىتى ئۆتكۈزۈشىنى قاتتىق باشقۇرۇش كېرەك. نامرات ناھىيەلەرنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىغاندىن كېيىن تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرۇشىغا، نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈش تاشلاش مەخسۇس تەشۋىقات فىلىمىنى سۈرەتكە ئېلىشىگە، نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاش باش تېما قىلىنغان ئالاقىدار پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىغا بولمايدۇ.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى ئېلىپ بېرىلغاندىن بۇيان، 153 نامرات ناھىيە نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاپ، جەمئىيەتتىكى ھەر قايسى ساھەلەرنىڭ بىردەك ئېتىراپ قىلىشىغا، ياخشى ئىنكاسقا ئېرىشتى. بۇ يىل ۋە كېلەر يىلى نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاشنىڭ بېسىق مەزگىلى. نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاشنى خۇلاسىلەش ۋە تەشۋىق قىلىش خىزمىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك. نامرات ناھىيەلەرنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىغاندىن كېيىنكى خۇلاسىلەش ۋە تەشۋىق قىلىش خىزمىتىنى دۆلەت ۋە ئۆلكە قاتلىمىدىن بىر تۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرىدۇ ۋە تەشكىللەپ يولغا قويىدۇ. نامرات ناھىيەلەر نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىغاندىن كېيىن، تەجرىبىلەرنى ئەستايىدىل يەكۈنلەپ، ئىقتىسادچىل بولۇش پىرىنسىپىغا ئاساسەن ئالاقىدار تەرەپلەر بىلەن مۇۋاپىق تەشۋىق قىلىشى كېرەك.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىغاندىن كېيىنكى نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەش كېرەك. نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاپ مەسئۇلىيەتنى تاشلىماسلىق، سىياسەتنى تاشلىماسلىق، ياردەمنى تاشلىماسلىق، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى تاشلىماسلىقنى ھەقىقىي ئىشلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكەل جېڭى بىلەن يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى ياخشى ئىشلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىسىنى مۇستەھكەملەپ، نامراتلىققا قايتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر