باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۇنيا جۇڭگونىڭ ساداسىنى ئاڭلاشقا تەشنا بولغاندا

--رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلىرىنىڭ 13- قېتىملىق باشلىقلار ئۇچرىشىشىغا قاتناشقانلىقى توغرىسىدا

2018.12.07 15:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاسىيا-ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى كەڭ دالالاردىن ھالقىپ ئۆتتى، ئاتلانتىك ئوكياننىڭ بىپايان سۇ يۈزىدىن ئۇچۇپ ئۆتتى، ئامازون دەرياسى بويىدىكى قويۇق ئورمانلىقنى كېسىپ ئۆتتى، پامپاس يايلىقى ئاسمىنىدىكى بۇلۇتلارنى يېرىپ ئۆتتى. 11- ئاينىڭ 29- كۈنى كەچتە، بۇئېنوس ئايرېستا شەپەق نۇرى پۈتۈن ئاسماننى قاپلىغان بىر پەيتتە، رەئىس شى جىنپىڭ ئولتۇرغان مەخسۇس ئايروپىلان بارغانسېرى يېقىنلاشتى.

  مانا بۇئېنوس ئايرېس ئايرودرومىدا، ھەر تەرەپتىن كېلىشىۋاتقان مەخسۇس ئايروپىلانلار ۋە ئايروپىلانلار ئۈستىدە جىلۋىلىنىپ تۇرۇشقان ھەر خىل بايراقلار. مانا بۇ، 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىنىڭ تۇنجى قېتىم جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدە ئۆتكۈزۈلۈشىدۇر. بۇ جايغا دۇنيا بويىچە ئۈچتىن ئىككى قىسىم نوپۇسقا ۋە %90كە يېقىن ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان مۇھىم ئىقتىسادىي گەۋدىلەر رەھبەرلىرى توپلاندى ۋە دۇنيادىكى تەشنا بولۇشۇپ تۇرغان كۈرمىڭلىغان كۆزلەر بۇ جايغا فوكۇسلانغان.

  دۇنيا مانا ئەمدى جۇڭگونىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىشقا شۇنچىلىك ئىنتىزار بولماقتا.قىيىنچىلىقلارنى بۆسۈپ ئۆتكەن چاغدا، ئەسلىي مەقسەتنى زەن قويۇپ ئاڭلايلى

  10 يىل بولدى !

  شۇ يىللاردىكى تارىخىي ۋەقەلەر دۇنيا ئىقتىساد تارىخىغا يېزىلدى. ۋال كوچىسىدا چىققان پۇل مۇئامىلە بورىنى دۇنيا مىقياسىدا دەھشەتلىك دولقۇن كۆتۈرۈلۈشكە سەۋەب بولغان ئىدى، شۇ چاغدا دۇنيا پۇل مۇئامىلە ئىشىنى باشقۇرۇش ۋە مەسىلىنى تۈزەش مېخانىزىمى ئېغىر ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان ئىدى.

  20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلىرىنىڭ 2008- يىلى تۇنجى قېتىم كۆرۈشكەندىكى بۇرچى بولسا، يۈز يىلدىن بۇيان ئەڭ ئېغىر بولغان شۇ خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كرىزىسىدىن دۇنيا ئىقتىسادىنى قۇتقۇزۇش ئىدى. دەسلەپتە كىشىلەر بۇ ۋەزىپىدىن ئۈمىد يوق، دەپ قاراشقان ئىدى، لېكىن، كېيىن شۇ باشلىقلار يىغىنىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقى ئىسپاتلاندى.

  نۆۋەتتە، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئاستا بولماقتا، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىق تەسىرى تېخى تۈگىمىدى، قورۇقچىلىق ۋە بىر تەرەپلىمىلىك مەسلىكى باش كۆتۈرۈپ چىقىپ، خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىسنى كۈچەيتىۋەتتى. پۈتۈن دۇنيا بويىچە قىزىل رەقەمنى تىزگىنلەش مەسىلىسى سەل قاراشقا بولمايدىغان تارتۇق يارا بولۇپ قالدى.

   بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىغا ساھىبخان دۆلەت ئارگېنتىنانىڭ زۇڭتۇڭى ماكرى يىغىننىڭ تۇنجى سۆزىنى باشلاپ بېرىشكە رەئىس شى جىنپىڭنى تەكلىپ قىلدى. ئارگېنتىنا تەرەپ بۇ خىل ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ مەقسىتىنى چۈشەندۈرۈپ، «رەئىس شى جىنپىڭ ۋە جۇڭگو مانا مۇشۇنداق ۋەزنى بولغان، ئىناۋىتى بولغان ۋە ۋەكىللىك خارەكتېرگە ئىگە بىر سالاھىيەتكە ئىگەدۇر.» دېدى.

  رەئىس شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنداق دېدى: «دۇنيا ئىقتىسادى يەنە بىر قېتىم تارىخىي تاللاشقا دۇچ كەلدى.»

  تارىخىي تاللاش ئالدىدا، كىشىلەر تارىخىي خاراكتېرلىك ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى ۋە كەسكىن بولۇش ئىقتىدارىغا مۇھتاج. چوڭ بىر يىغىن مەيدانى ئۇ قەدەر جىمجىت بولدىكى، ھەتتا پۈتۈن مەيداندىكى قەلەم ئۇچلىرىنىڭ قەغەز يۈزلىرىنى جىجاپ ئۆتۈشكەن شىر-شىر ئاۋازلىرىنىمۇ ئاڭلىغىلى بولاتتى. يىغىن مەيدانىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا، سانسىزلىغان دىققەتلىك كۆزلەر رەئىس شى جىنپىڭغا فوكۇسلىنىپ تىكىلىپ تۇراتتى.

  تارىخىي چوڭ يۈزلىنىشتە يۆنىلىشنى توغرا ئىگەللىگەن رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: «10 يىلدىن بۇيان، بىز جاپا مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇپ، بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ چېكىنىش گىردابىدىن چىقىشىغا تۈرتكە بولۇپ، جانلىنىپ ئېشىش يولىغا ماڭدۇق. 10 يىلدىن كېيىن، بىز يەنە بىر قېتىم جاسارەتلىك بولۇپ، ئىستراتېگىيەلىك نەزەر دائىرىمىزنى نامايان قىلىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنى چوقۇم توغرا يولنى بويلاپ ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا يېتەكلىشىمىز كېرەك.»

  شى جىنپىڭ يەنە «بەش يىل ئىلگىرى، مەن تۇنجى قېتىم 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئوچۇق بولۇشىنى ئورتاق قوغداش ۋە بەرپا قىلىشنى مۇراجىئەت قىلغان ئىدىم.» دېدى.

  ئارىدىن يەنە بەش يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ، جۇڭگونىڭ بۇ خىل ساداسى يەنىلا كىشىلەرگە تومۇرداشلىق تۇيغۇسى بەرمەكتە، ئىرادىسىمۇ يەنىلا بۇرۇنقىدەك قەتئىي بولماقتا. خەلقئارا سەھنىلەردە، رەئىس شى جىنپىڭ قورۇقچىلىقنى «ئۆزىنى قاراڭغۇ ئۆيگە قامىۋېلىش»قا ئوخشاتقان، ھەمدە «دېرىزىنى ئېچىۋەتكەندىلا، ئاندىن ساپ ھاۋا كىرەلەيدۇ.» دەپ مۇراجىئەت قىلغان. شى جىنپىڭنىڭ كىشلەرنى مەپتۇن قىلىدىغان ھەر بىر ئېغىز سۆزى دۇنياغا ئىلھام بەرمەكتە، ھەمدە جۇڭگونىڭ باشتىن-ئاخىر ئىقتىسادنى دۇنياۋىلاشتۇرۇشنىڭ قەتئىي قوغدىغۇچىسى ۋە ئاكتىپ ئەمەلىيەتچىسى بولۇشتەك دەۋر رولىنى ئىسپاتلىماقتا.

  دەل مۇشۇ بۈگۈنكى ۋەزىيەت رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بوئېنۇس ئايرېستىكى بۇ قېتىمقى سۆزىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت ۋە قىممەت قوشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر