12-ئاينىڭ 8- كۈنى، شۋېتسارىيىنىڭ جەنۋە شەھىرىدە، 17- ئەسىردىكى كىيىملەرنى كىيگەن «مىلتىقلىق ئەسكەرلەر» كونا شەھەر سېپىلىدە سېپىلگە چىقىش بايرىمى پائالىيىتىگە قاتناشماقتا.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ كۈنى، جەنۋە كونا شەھىرىدە سېپىلگە چىقىش ئەنئەنىۋى بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.بۇ ئەنئەنىۋى بايرامنىڭ كېلىش مەنبە ھېكايىسى مۇنداق: 1602- يىلى 12- ئاينىڭ 11- كۈنى كېچىدىن 12- چېسلا سەھەرگىچە ساۋا كىنەزى ياللانما قوشۇن ئەۋەتىپ جەنۋەگە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىدۇ، ئۇ قوشۇن كېچە قاراڭغۇسىدىن پايدىلىنىپ، ئۇزۇن شوتا قويۇپ شەھەر سېپىلى ئۈستىگە چىقىپ شەھەر ئىچىگە كىرىدۇ. جەنۋە خەلقى تېزدىن قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، ئىككى يېرىم سائەتكىچە كەسكىن جەڭ قىلىپ، ساۋا كىنەزىنىڭ تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن ياللانما قوشۇنىنى يوقىتىپ، جەنۋەنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە ئەركىنلىكىنى قوغدايدۇ. شۇندىن ئېتىبارەن، جەنۋە خەلقى ھەر يىلى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، ئەجدادلىرىنىڭ جان تىكىپ جەڭ قىلغانلىقىنى تەبرىكلەيدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى