باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركەزنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش بويىچە 2-تۈركۈمدىكى «قايتىلاپ تەكشۈرۈش» ئاخىرلاشتى

2177 كىشىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلدى

2018.12.10 15:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ يېقىندا ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، 12-ئاينىڭ 6-كۈنىگىچە، 2-تۈركۈمدىكى مەركەزنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش بويىچە «قايتىلاپ تەكشۈرۈش»تە بەش تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى پۈتۈنلەي تاماملىغان. تەكشۈرۈش مەزگىلىدە، نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ئۈنۈملۈك پاش قىلىش ماتېرىيالىدىن 38 مىڭ 133 پارچىنى قوبۇل قىلغان، تەكرار پاش قىلىشنى بىرلەشتۈرگەندىن كېيىن يەرلىكنىڭ بېجىرىشكە تاپشۇرۇپ بېرىلگىنى 37 مىڭ 679 پارچە. يەرلىكنىڭ بېجىرىپ بولغىنى 26 مىڭ 873 پارچە، بۇنىڭ ئىچىدە 12 مىڭ 240 كارخانا تۈزەشكە بۇيرۇلغان، 2991 كارخانىغا دېلو تۇرغۇزۇلۇپ جازا بېرىلگەن بولۇپ، 214 مىليون 143 مىڭ 600 يۈەن جەرىمانە قويۇلغان؛ دېلو ئېچىپ تەھقىقلەنگىنى 186 پارچە، مەمۇرىي ۋە جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلغىنى 88 ئادەم؛ سۆھبەتكە چاقىرىلغىنى 1804 ئادەم ، مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلگىنى 2177 ئادەم.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بەش تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى بۇ يىل 10-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن 11-ئاينىڭ 6-كۈنىگىچە، ئارقا-ئارقىدىن سەنشى، لياۋنىڭ، جىلىن، ئەنخۇي، شەندۇڭ، خۇبېي، خۇنەن، سىچۇەن، گۇيجۇ، شەنشى قاتارلىق 10 ئۆلكىگە ئورۇنلىشىپ، نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى ئىجرا قىلغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر