خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12- ئاينىڭ 9- كۈنى، قۇتقۇزۇش خادىملىرى تاغ گەۋدىسى سىيرىلىپ چۈشۈش نەق مەيدانىدا قۇتقۇزۇش قىلماقتا.
شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، سىچۈەن ئۆلكىسى شۇيۇڭ ناھىيەسىنىڭ فېنشۇي كەنتىدىكى بىر تاغ گەۋدىسى سىيرىلىپ چۈشۈپ، قىسمەن ئۆيلەرنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشۈشىگە زامىن بولدى. ۋەقە نەتىجىسىنى دەسلەپكى بىكىتىشتىن قارىغاندا، بۇ ۋەقەدە 12 كىشى خارابىلىك ئىچىدە كۆمۈلۈپ قالغان. 9- دېكابىر سائەت 20 دىن ئۆتكەندە، بەش ئادەم قېزىپ چىقىرىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە بىر ئادەم دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلىش يولىدا قازا قىلغان. نۆۋەتتە قۇتقۇزۇش خىزمىتى يەنىلا داۋاملاشماقتا.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى