باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

نىڭشىيا خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ سابىق مۇدىرى جوۋ شۇ 17 مىليون يۈەندىن ئارتۇق پارا ئالغان، دەپ ئەيىپلەندى

2018.12.10 16:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونى گۇيۈەن شەھىرى ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىدىن ئىگىلىشىچە : ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ سابىق مۇدىرى، ئورگان پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى جوۋ شۇنىڭ پارا ئېلىشقا چېتىشلىق دېلوسى ئۈستىدىن 1- سوتتا ئوچۇق سوت ئېچىلدى، تەپتىش تەرەپ جوۋ شۇنى 17 مىليون يۈەندىن ئارتۇق پارا ئالغان، دەپ ئەيىپلىدى.

  گۇيۈەن شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى مۇنداق ئەيىبلىدى: جاۋابكار جوۋ شۇ ئۆزىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش نازارىتىنىڭ نازىرى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇدىرىلىق ۋەزىپىسىدىكى قۇلايلىقتىن پايدىلىنىپ، ئىدارە قۇرۇلۇشىنى ھۆددىگە بېرىش ۋە قۇرۇلۇش پۇلىنى تۆلەش قاتارلىق جەريانلاردا باشقىلارغا خۇسۇسىي يادەم قىلغان ۋە ئۇلارغا قانۇنسىز مەنپەئەت يەتكۈزگەن، ھەمدە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ باشقىلاردىن قانۇنسىز ھالدا پۇل-ماللارنى قوبۇل قىلغان بولۇپ، پۇل-ماللارنى قوبۇل قىلغان قېتىم سانى 65 قېتىمغا يەتكەن. ئۇ پۇل-ماللارنى خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا، 17 مىليون 370 مىڭ يۈەنگە يەتكەن. جاۋابكارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى پارا ئېلىش جىنايىتى بويىچە سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.

  سوتتا قاراپ چىقىش جەريانىدا، ئەيىبلىگۈچى ئورگان مۇناسىۋەتلىك دەلىل-ئىسپاتلارنى كۆرسەتكەن، جاۋابكار جوۋ شۇ ۋە ئۇنىڭ ئاقلىغۇچىسى سوتتا يۈزلەشتۈرۇلگەن، جوۋ شۇ قىسمەن پاكىتلار ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكىردە بولدى. ئەيىبلىگۈچى ۋە ئاقلىغۇچى ئىككى تەرەپ سوتنىڭ رىياسەتچىلىكىدە بۇ دېلودىكى جىنايەت بېكىتىش، جازا ئۆلچەش ۋە قانۇننى تەتبىقلاش قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە تولۇق پىكىر بايان قىلدى، جوۋ شۇ ئەڭ ئاخىرقى پىكىرىنى بايان قىلدى. سوتچى بۇ دېلو ئۈستىدە باشقا بىر كۈننى تاللاپ تەكرار سوت ئېچىلىدۇ، دەپ جاكارلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر