- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ياپونىيەدە تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ كۆرەشچى ئايروپىلانى بوشلۇقتا ماي قاچىلاش ئايروپىلانىغا سوقۇلۇپ كېتىپ ۋەيران بولدى
2018.12.07 17:02 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ياپونىيە رادىئو جەمئىيىتىنىڭ 12-ئاينىڭ 6-كۈنىدىكى خەۋېرىگە قارىغاندا، ياپونىيەدە تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئىۋاكۇنى بازىسىغا تەۋە ئىككى ئايروپىلانى شۇ كۈنى سەھەردە بوشلۇقتا بىر بىرىگە سوقۇلۇپ كەتكەن ھەمدە كوچى ئۆلكىسىگە يېقىن جايدىكى تىنچ ئوكيانغا چۈشۈپ ۋەيران بولغان. ھازىرغىچە ئىككى ئايروپىلاندىكى يەتتەيلەننىڭ بىرسى قۇتقۇزۋېلىنغان، قالغان ئالتىسىنىڭ ئىز-دېرىكى يوق ئىكەن.
ياپونىيەدىكى ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: بۇ ئىككى ئايروپىلان ئىۋاكۇنى بازىسىدىن ئۇچۇپ، ياپونىيە قىرغىقىنى بويلاپ مەشىق قىلىۋاتقان ئايروپىلانلار بولۇپ شۇ كۈنى سەھەردە ھادىسىگە ئۇچرىدى، ھازىر ئالاقىدار تەرەپلەر ئاختۇرماقتا ۋە ۋەقەنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبىنى تەكشۈرمەكتە.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر