باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئۈچ مىنىسىترلىق، كومىتېت «ھەر تەرەپلىمە جامائەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»نى ئېلان قىلىپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىمۇ ئوخشاش بولغان جامائەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشنى ئوتتۇرىغا قويدى

2018.12.07 16:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6-دېكابىر، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىنىشىچە، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، دۆلەت ئىسلاھات-تەرەققىيات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقى يېقىندا بىرلىشىپ، «ھەر تەرەپلىمە جامائەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»نى ئېلان قىلىپ، پۇقراۋى كارخانا قاتارلىق ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىكلەرگە باراۋەر مۇئامىلە قىلىپ، ئوخشاش مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: مۇلازىمەت دائىرىسىنىڭ ئومۇمىي خەلقنى قاپلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە، يەنە شەھەر بىلەن يېزىنى ئايرىۋېتىش، نوپۇسى ئارقىلىق ئايرىۋېتىش بۇزۇپ تاشلىنىپ، جامائەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىنىڭ شەھەر-يېزا دائىم تۇرۇشلۇق ئاھالىنى قاپلىشى ئىلگىرى سۈرۈلدى ھەمدە تەيۋەن، شياڭگاڭ ۋە ئاۋمېنلىق خادىملار مۇلازىمەت ئوبيېكتىغا كىرگۈزۈلدى؛ ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ مۇلازىمەت دائىرىسى كېڭەيتىلىپ، ئىگىلىك تىكلەش دەسلەپكى باسقۇچىدا تۇرغان ھەمدە شەكلى جانلىق قاتارلىق ئادەم ئىشلىتىش سۇبيېكتىلىرى مۇلازىمەت ئوبيېكتى دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى.

  بۇ مەسئۇل كىشى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش پۈتكۈل جەريانىنى چۆرىدەپ، ئىش ئىزدەش، خادىم تەكلىپ قىلىش مۇلازىمىتى، ئىگىلىك تىكلەش مۇلازىمىتىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشى ۋە ئىگىلىك تىكلىشى تەس بولغان قىيىنچىلىقى بارلارغا قارىتا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۆمۈرلۈك كەسپىي ماھارەت يېتىلدۈرۈش تەربىيەسى تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، جامائەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى جىددىي تاقابىل تۇرۇش مېخانىزمى بەرپا قىلىنىدۇ؛ ئىجتىمائىي كۈچلەرنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق، ھۆكۈمەت يېتەكچىلىك قىلىدىغان، جەمئىيەت قاتنىشىدىغان كۆپ مەنبەلىك تەمىنات سىستېمىسى بەرپا قىلىنىپ، ئەنئەنىۋى ۋە توردىكى مۇلازىمەتلەرنى يۇغۇرما ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق، ئوخشاش بىر كەسپىي ئىشلارنى كۆپ يوللار ئارقىلىق قوبۇل قىلىش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، مالىيە كۈچىدە مايىللىشىش، تېخنىكىلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىش، نىشانلىق ياردەم بېرىش قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، شەھەر-بازارلارنىڭ جامائەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىنىڭ يېزىلارغا كېڭەيتىلىشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ؛

  مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن ئەقلىي ئىقتىدارلىق جامائەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى ئۇچۇرلاشتۇرۇش سۇپىسىنى بەرپا قىلىش ئارقىلىق، «ئالاقە تورى + جامائەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى»نى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇچۇر ئېلان قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەسىپ بېجىرىشنى قېلىپلاشتۇرۇپ، سانلىق مەلۇماتلاردىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئەقلىيلاشقان مۇلازىمەتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «كېنىشكىلەرنى ئازايتىپ خەلققە قولايلىق يارىتىش» ھەرىكىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق، خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، «بىرلا جايدا، بىر كۆزنەكتە، بىر توردا، بىر قېتىم» بېجىرىش ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇپ، خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت يولغا قويۇلىدۇ.

  بۇ مەسئۇل يولداش مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان قانۇن-نىزاملار ۋە ئالاقىدار سىياسەتلەرگە ئاساسەن، ھەر دەرىجىلىك جامائەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرى تۆۋەندىكى 10 تۈرلۈك ئاساسىي مۇلازىمەتنى ھەقسىز تەمىنلىشى كېرەك، يەنى ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش ۋە ئەمگەكچىلەرنى ئىشلىتىش سىياسەت، نىزاملىرىدىن مەسلىھەت بېرىش، ئالاقىدار يۆلەش سىياسەتلىرىنى قوبۇل قىلىش؛ ئادەم كۈچى بايلىقىدىكى تەمىنات- ئېھتىياج، بازاردىكى مائاش يېتەكچى ئورنى، كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلەش، پىراكتىكا قىلىش ئورنى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلىش؛ ئىش تونۇشتۇرۇش، كەسپىي يېتەكچىلىك ۋە ئىگىلىك تىكلەشتىكى ئىش باشلاشقا يېتەكچىلىك قىلىش؛ جامائەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى بويىچە مەخسۇس پائالىيەتلەر؛ ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغانلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىش؛ ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنى تىزىملەش (ئەمگەكچى ئىشلىتىشنى ئەنگە ئېلىش)، ئىشسىزلارنى تىزىملاش قاتارلىق ئىشلار؛ ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەر، تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپىنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىش رەسمىيىتىنى بېجىرىش؛ كۆچمە ئاھالىنىڭ خادىملار ئارخىپىنى باشقۇرۇش مۇلازىمىتى؛ ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى ماسلاشتۇرۇش ۋە ئەمگەك ھوقۇق- مەنپەئىتىنى قوغداش؛ ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى بېكىتكەن باشقا مۇلازىمەت قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر