باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ: ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق جەمئىيەتنىڭ ئىجادكارلىق كۈچىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ تەرەققىياتقا بولغان تىرەكلىك، يېتەكچىلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك

2018.12.07 15:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6-دېكابىر، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ، دۆلەت پەن-تېخنىكا رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە دۆلەت پەن-تېخنىكا رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ 1-ئومۇمىي يىغىنى ئىچىلدى، يىغىندا، دۆلەتنىڭ پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى ئىستراتېگىيەلىك يىرىك پىلانى، ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىشتا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، پەن-تېخنىكا ئاپپاراتلىرى ۋە خادىملىرىغا تېخىمۇ چوڭ ئۆز-ئۆزىگە خوجا بولۇش ھوقۇقى بېرىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش مۇزاكىرە قىلىندى.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېڭىلىق يارىتىش دۆلەتنىڭ كەلگۈسى تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن مەملىكەت يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى كۆپلىگەن ساھەدە مۇھىم، زور بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، جەمئىيەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىجادىيەت ھاياتىي كۈچى زور دەرىجىدە ئۇرغۇپ، پەن-تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتى ۋە يېڭى-كونا ئېنېرگىيەنىڭ ئالمىشىشى ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىنى زور ئىتتىرگۈچى كۈچكە ئىگە قىلدى. ھازىر، دۇنيادا يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن-تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپلەرنىڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى قىستاپ، ئېلىمىز ئىقتىسادى تىپ ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ ھالقىلىق مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، پۇرسەت، قىيىنچىلىق ۋە خىرىس ئالدىدا، مەۋقەنى ئىقتىسادنىڭ يېڭىلىق يارىتىش كۈچى ۋە رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشقا قويۇپ، ئېلىمىزنىڭ ئادەم كۈچى بايلىقى مول بولۇش، دۆلەت ئىچىدىكى ئەمەلىي قوللىنىش بازىرى چوڭ بولۇش قاتارلىق ئەۋزەللىكلەرنى جارى قىلدۇرۇپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى تېخىمۇ زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئورۇنلاشتۇرمىسىغا تېخىمۇ ياخشى سىڭدۈرۈپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا يۈزلەندۈرۈپ، دىققەتنى ھالقىلىق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا بۆسۈش ھاسىل قىلىش، يېڭى ئېنېرگىيەنى يېتىشتۈرۈپ زورايتىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، پەن-تېخنىكا بىلەن ئىقتىسادنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئاساسىي تەتقىقات ئىلىم پەن سىستېمىسىنىڭ مەنبەسى، ئاساسىي تەتقىقاتنى ئۇزاق ۋاقىت مۇقىم قوللاشنى كۈچەيتىپ، كارخانا ۋە جەمئىيەتنى سېلىنمىنى ئاشۇرۇشقا يېتەكلەپ، «قاتتىق پەن-تېخنىكا» تەتقىقاتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تىرىشىپ تېخىمۇ كۆپ ئىجادىي نەتىجىلەرنى يارىتىش كېرەك. يېڭىلىق يارىتىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كارخانىنى ئاساسىي گەۋدە، بازارنى يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقات، ئىشلىتىشتە بىرلىشىپ يېڭىلىق يارىتىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، باشلامچى كارخانىلارنىڭ مۇھىم، زور پەن-تېخنىكا تۈرىگە مەسئۇل بولۇشىنى قوللاپ، خەلقئارا يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىق يوللىرىنى كېڭەيتىپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتا بۆسۈش ھاسىل قىلىش ۋە پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. پەن-تېخنىكا بايلىقىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش سۇپىسى، يېڭىچە تەتقىق قىلىپ ئېچىش ئاپپاراتى قاتارلىق يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى ۋە سانائەت ئالاقە تورى سۇپىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ چوڭ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ، توردا ۋە تور سىرتىدا كىرىشىپ يېڭىلىق يارىتىشىنى قوللاپ، ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىشنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، كەسىپلەرنى ئوتتۇرا، يۇقىرى سەۋىيەگە ئۆرلىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر