باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ لىدىرى ئامېرىكىنى خەلقئارا ئىقتىسادى ھەمكارلىق مۇقەررەر تاللاش دەپ ئاگاھلاندۇردى

2018.12.07 17:04         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ لېدىرى كرېستىنا لاگاردى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگىتوندا نۇتۇق سۆزلەپ سودا قورۇقچىلىقىنى توسۇش، سودا توقۇنۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى يەنە بىر قېتىم مۇراجئەت قىلىپ، خەلقئارا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تاللاشقا بولىدىغان تۈر بولماستىن بەلكى مۇقەررەر تاللاش دەپ تەكىتلىدى.

  لاگاردى شۇ كۈنى خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ باش ئورگىنى تۇرۇشلۇق ۋاشىنگىتوندىكى پارلامېنت كۈتۈپخانىسىدا نۇتۇق سۆزلىدى. ئۇ ئامېرىكىنى 2-دۇنيا ئۇرۇشى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، رەھبەرلىك رولىنى جارىي قىلدۇرۇپ، خەلقئارا ئىقتىسادىي تەرتىپكە خىرس قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مۇرەسسە قىلىشقىمۇ تۈرتكە بولۇپ تۇردى. ئۇرۇشتىن كېيىنكى ئىقتىسادنى گۈللەندۈرۈشكە ماسلاشتى. ئامېرىكىنىڭ بۇنداق قىلىشىدىكى سەۋەب كۈچلۈك، مۇقىم بولغان دۇنيا ئامېرىكىغا پايدىلىق بولغانلىقىدا دەپ ئەسكەرتتى.

  لاگاردى ھەر قايسى دۆلەت رەھبەرلىرىگە 2008-يىلىدىكى پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسىدىن كېلىپ چىققان دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ چېكىنىشىدىن ساۋاق ئېلىشنى سەمىگە سالدى. نۆۋەتتە دۇنيادىكى نۇرغۇن جايلاردا ئامما ئارىسىدا «غەزەبلىنىش» ۋە «تەشۋىشلىنىش» كەيپىياتىنىڭ پارتىلىشى دەل مۇشۇ كىرىزىسنىڭ مىراسى دېدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر