باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

يەمەن ھۆكۈمىتى ۋەكىللەر ئۆمىكى تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن شىۋېتسىيەگە يۈرۈپ كەتتى

2018.12.07 17:01         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يەمەن ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەلدارى تۈنۈگۈن مۇنداق دېدى: يەمەن ھۆكۈمىتى ۋەكىللەر ئۆمىكى شۋېيتسىيەگە بېرىپ تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن، 12-ئاينىڭ 5-كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ پايتەختى رېيادتىن يولغا چىقتى. يەمەن ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بۇ ئەمەلدارى شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا مۇنداق دېدى: يەمەننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى يامانى باشچىلىقىدىكى 13 كىشىدىن تەركىپ تاپقان ۋەكىللەر ئۆمىكى شۋېيسىيەگە بېرىپ قۇسەي قوراللىقلىرى ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن بىۋاستە سۆھبەتلىشىدۇ.

  يەمەن زۇڭتۇڭ ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ئابدۇللا ئارىمى شۇ كۈنى ئىجتىمائىي تاراتقۇسى تىۋېتتىردا ماقالە ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى سۆھبەتتە «يەمەن خەلقى كۆڭۈل بۆلۈدىغان ئىشلار ۋە ئۇلارنىڭ ئارزۇسىنى ئالدى بىلەن ئويلىشىدۇ، بۇ بىر قېتىملىق تىنچلىقنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇدىغان پۇسەت، بىز بارلىق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىپ سۆھبەتنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز».


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر