باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

11-نۆۋەتلىك جۇڭگو ئامېرىكا سودا سانائەت رەھبەرلىرى ۋە سابىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار سۆزلىشىشى ۋاشىنگىتوندا ئۆتكۈزۈلدى

2018.12.07 17:03         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو خەلقئارا ئىقتىساد ئالماشتۇرۇش مەركىزى بىلەن ئامېرىكا مەملىكەتلىك سودا جەمئىيىتى بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان 11-نۆۋەتلىك جۇڭگو ئامېرىكا سودا سانائەت رەھبەرلىرى ۋە سابىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار سۆزلىشىشى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى ۋاشىنگىتوندا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو خەلقئارا ئىقتىساد ئالماشتۇرۇش مەركىزىنىڭ كېڭەش باشلىقى زېڭ پېييەن بىلەن ئامېرىكا مەملىكەتلىك سودا جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى توماس دونوجو ھەمدە جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ سودا سانائەت رەھبەرلىرى، ھۆكۈمەتنىڭ سابىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى، مۇتەخەسس ئالىملاردىن بولۇپ 30 دىن ئارتۇق ۋەكىل سۆزلىشىشكە قاتناشتى.

  بۇ قېتىمقى سۆزلىشىش- رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ ترامپ بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن، 1- بولۇپ ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولغان جۇڭگونىڭ سودا سانائەت رەھبەرلىرى، سابىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ھەمدە ئاقىل ئامبىرى مۇتەخەسسلەر ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ پائالىيىتى. يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر بىردەك مۇنداق دەپ قارىدى: ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئارگېنتىنادا ئۇچرىشىپ بۇندىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك جۇڭگو ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى. ساغلام، مۇقىم بولغان جۇڭگو ئامېرىكا ئىقتىساد-سودا مۇناسىۋىتى ئىككى دۆلەت ۋە دۇنيانىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنىڭ تېزدىن نورمال يولغا قايتىشىغا تۈرتكە بولدى، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى، ھەمكارلىشىش باشتىن ئاخىرى جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ بىردىن بىر توغرا تاللىشى، ئىگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر تاشلاپ ئىختىلاپلارنى داۋاملىق سۆزلىشىشنى كۈچەيتىش ئارقىلىق ھەل قىلىشىمىز كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر