- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى: رۇسىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ياخشى مۇناسىۋىتىنى تاشقى ئامىل بەلگىلىمەيدۇ
2018.12.07 17:03 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى زاخاروۋ 12-ئاينىڭ 5-كۈنىدىكى قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا، رۇسىيە بىلەن جۇڭگو ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى ئۆز ئارا قەدىرلەيدۇ، بۇ خىل مۇناسىۋەت تاشقى ئامىل تەرىپىدىن بەلگىلەنمەيدۇ دېدى.
زاخاروۋا شۇ كۈنى شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ 13-قېتىملىق يىغىنى مەزگىلىدە ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ كۆرۈشۈش ئىشى ھەققىدىكى سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە، رۇسىيە جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئىككى تەرەپ دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى ئۆز ئارا قەدىرلەيدۇ، بۇ خىل مۇناسىۋەت خەلقئارا ۋەزىيەت تەرىپىدىن شۇنداقلا رايون ۋەزىيىتى تەرىپىدىن بەلگىلەنمەيدۇ، رۇسىيە بىلەن جۇڭگو-يېقىن قوشنىلار، چېگرا، جۇغراپىيە، تارىخ ۋە خەلقنىڭ مەنپەئەتى-ئىككى دۆلەتنى زىچ باغلاپ تۇرىدۇ دېدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر