باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىتتىپاقى كۆرگەزمىسى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش سەھنىسىگە ئايلاندى

2018.12.07 16:42         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىتتىپاقىغا يۈزلەنگەن ئالدىنقى سەپ ۋە كۆزنەك بولغان گۇاڭشى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 15 نۆۋەت جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىتتىپاقى كۆرگەزمىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزدى. 15 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىتتىپاقى كۆرگەزمىسىدىن ئىبارەت بۇ يول بارغانسېرى كېڭىيىپ، بارغانسېرى ئۇزاق مەنزىلگە قاراپ ماڭدى، چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە كېڭەيتىش-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر بەلباغ، بىر يول بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقىنىڭ مۇھىم ۋاسىتىسىغا ئايلاندى.

  15-نۆۋەتلىك جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىتتىپاقى كۆرگەزمىسى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى نەننىڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە يېپىلدى، 70 دۆلەت ۋە رايوننىڭ سودىگەرلىرى زور ئۈنۈم بىلەن قايتتى. نەننىڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى لياۋ خۇيجۇ مۇنداق دېدى: كۆرگەزمىنىڭ توپلاش، قاپلاش رولىنىڭ تەسىرىدە، كۆپچىلىك نەننىڭنى تاللىدى، سودىگەرلەر بۇ يەرگە جەم بولدى، سىياسىيونلار بۇ يەردە سۆزلەشتى، ئالماشتۇرۇش، سودا بۇ سەھنىدە ئۆتكۈزۈلدى، تۈرلۈك ئۇچۇر، پۇرسەتلەر نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئېلىپ كەلدى. بايلىق پۇرسەتكە ئەگىشىپ ماڭدى، شۇڭا نۇرغۇن بايلىق بۇ يەردىكى كۆرگەزمىگە جەلپ قىلىنىپ، پۇرسەت يارىتىلدى.

  گۇاڭشىنىڭ چېگرا بويى شەھىرى چوڭزودا، جۇڭگو-تايلاند كەسىپ باغچىسى قاينام-تاشقىنلىققا چۆمدى، دۆلەت ئىچى، سىرتىدىكى يۈزدىن ئارتۇق كارخانا باغچىغا كىرىپ ئورۇنلاشتى. باغچە پارتىيە خىزمىتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى جاۋ بو تونۇشتۇرۇپ، بۇ-جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىتتىپاقى كۆرگەزمىسىنىڭ نەتىجىسى دېدى.

  جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىتتىپاقى كۆرگەزمىسىگە تايىنىپ، سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت قاتارلىق ساھەلەردە، ئۆز ئارا كىرگۈزۈپ ۋە چىقىرىپ، مول نەتىجىگە ئېرىشتى، بۇ ئارقىلىق ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقىنىڭ نەننىڭ يولى شەكىللەندى. بۈگۈنكى كۈندە، بۇ يول ئارقىلىق تەڭ ئۇتۇق قازىنىش ئۈستىدە ئىزدىنىش-جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىتتىپاقىغا ئەزا ئون دۆلەت بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىدى. ئامېرىكا، فىرانسىيە، كورىيە، ئاۋستىرالىيە قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ ئۆزلۈكىدىن قاتناشتى.

  گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى لۇ شىنشې مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: نەننىڭ يولى -شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىتتىپاقى بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ، جۇڭگونىڭ دوستلار چەمبىرىكى داۋاملىق كېڭەيمەكتە. نەننىڭ يولى-ئېلىمىز بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىتتىپاقىنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، گۇاڭشىنىڭ ئېچىۋېتىش، تەرەققىيات قاتارلىق تەرەپلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئۆزگىچە، ھالقىلىق، مۇھىم رول ئوينىدى. بىز جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىتتىپاقى كۆرگەزمىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، مەخسۇسلاشتۇرۇش، خەلقئارالاشتۇرۇش، داڭلىق ماركىلاشتۇرۇش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىتتىپاقى ئورتاق گەۋدىسى ۋە بىر بەلباغ، بىر يول ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشقا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىۋاتىمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر