باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىز پولات-تۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئاجىزلاشتۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئاساسەن ئورۇنلىدى

2018.12.07 16:42         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۈنۈگۈن خېبېي ئۆلكىسىنىڭ چىنخۇاڭداۋ شەھىرىدە ئېچىلغان 2019-يىللىق مەملىكەتلىك كۆمۈر سودىسى يىغىنىدا، جۇڭگو پولات-تۆمۈر سانائىتى بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى چى جىڭدۇڭ ئېلىمىز پولات-تۆمۈر كەسپىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئاجىزلاشتۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئاساسەن ئورۇنلاپ، ئېنېرگىيە تېجەپ، سەرپىياتنى ئازايتىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى دېدى.

  چى جىڭدۇڭنىڭ ئاشكارىلىشىچە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى پولات-تۆمۈر كەسپىدە روشەن مۇقىم ياخشىلىنىش ۋەزىيىتى بارلىققا كەلگەن، بۇ يىل 1-ئايدىن 10-ئايغىچە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ چۆيۈن ۋە يىرىك پولات مەھسۇلات مىقدارى ئايرىم-ئايرىم 645 مىليون توننا ۋە 782 مىليون توننا بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم %1.7 ۋە %6.4 ئاشقان، پولات-تۆمۈر كەسپىنىڭ ئىقتىسادىي ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىپ، مۇقىم ياخشىلاش نىشانى ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، يېقىنقى 20 يىلدىن بۇيانقى پولات-تۆمۈرنىڭ ئۈنۈمى ئەڭ زور، ئەڭ ياخشى بىر يىل بولغان. ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئاجىزلاشتۇرۇش ۋەزىپىسى ئاساسەن ئورۇنلىنىپ، پولات-تۆمۈر كەسپىدە ئېنېرگىيە تېجەپ سەرپىياتنى ئازايتىش دەرىجىسى كۆرۈنەرلىك بولغان.

  2016-يىلىدىن بۇيان، پولات-تۆمۈر كەسپىنىڭ پولات-تۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئاجىزلاشتۇرۇش سەۋىيەسى 150 مىليون توننىغا يېقىنلىشىپ، 140 مىليون توننا چىۋىق پولات ئومۇميۈزلۈك بىكار قىلىنىپ، ئېنېرگىيە سەرپىياتى يۇقىرى، مۇھىت ئاسراش سەۋىيەسى تۆۋەن، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى يېنىك بولۇش مەسىلىسى زور دەرىجىدە ھەل قىلىنىپ، كەسىپنىڭ يېشىل تەرەققىياتىغا ئاساس سېلىندى.

  پۈتۈن مەملىكەتتىكى پولات-تۆمۈر كەسپى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئاجىزلاشتۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئېنېرگىيە تېجەيدىغان زور بىر تۈركۈم يېڭى تېخنىكا، يېڭى ئەسلىھەلەرنى نۇقتىلىق كېڭەيتىپ، ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى ئازايتىپ، پولات-تۆمۈر ھۈنەر-تېخنىكىسىنى سەرخىللاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈردى شۇنداقلا ئېنېرگىيە تېجەپ، سەرپىياتنى ئازايتىش سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈردى. چى جىڭدۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ پولات-تۆمۈر كەسپىدىكى ئاساسلىق پولات-تۆمۈر كارخانىلىرىنىڭ ھۈنەر-تېخنىكا جابدۇقلىرى، ھۈنەر-تېخنىكا سەۋىيەسى دۇنيادىكى ئىلغارلار قاتارىغا كىرىپ، بىرلىك ئېنېرگىيە سەرپىيات سەۋىيەسىمۇ دۇنيانىڭ ئىلغار سەۋىيەسىگە يەتتى. 1-ئايدىن 10-ئايغىچە، نۇقتىلىق ئىستاتىستىكا قىلىنغان پولات-تۆمۈر كارخانىلىرى يىرىك پولات مەھسۇلاتىنى %4.9 ئاشۇرغان ئەھۋالدا، ئومۇمىي ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %0.9 ئازايتتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر