باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركەزدىكى مىنىستىرلىق كومىتېتلار ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگرى سۈرۈش ھەققىدىكى سىياسەتلەرنى كەينى كەينىدىن چىقاردى

2018.12.07 16:40         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش- سىياسەت ئېلان قىلىش يۇقىرى پەللە مەزگىلىنى كۈتۈۋالدى، مەركەزدىكى مىنىستىرلىق كومىتېتلاردىن يەرلىككىچە، ئالاقىدار سىياسەتلەر كەينى كەينىدىن تۈزۈپ چىقىلدى، تېخىمۇ ئىجابىي بولغان ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش تەدبىرى مۇزاكىرە قىلىنماقتا. بۇنىڭدىن باشقا، بۇ نۆۋەتلىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ كونكىرت ۋاقتى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. جايلارنىڭ كونكىرت يولغا قويۇش لايىھىسى بىر ئاي ئىچىدە تەييار بولىدۇ.

  مۇئاۋىن ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنستىرى جاڭ يىجىن 12-ئاينىڭ 5-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن گوۋۇيۇەننىڭ سىياسەتلىرىنى قەرەللىك ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا مۇقىمسىز، ئېنىقسىز ئامىللار كۆپىيىپ، قسمەن كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تىجارىتى ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشىغا بەزى تەسىرلەرنى كۆرسەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ساھەسىدىكى مۇقىم بولغان ئومۇمىي مىقدار بېسىمى ۋە قۇرۇلمىلىق زىددىيەت تۈپەيلىدىن ئەمگەكچىلەرنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك ئىشقا ئورۇنلىشىش، مۇستەقىل ئىگىلىك تىكلەش ئىھتىياجى كۈنسېرى كۆپەيدى، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىگە يېڭى تەلەپلەرنى قويدى، شۇنىڭ ئۈچۈن سىياسەت كۈچىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، تەدبىر كاپالىتىنى مۇكەمەللەشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ.

  بىر قانچە مىنىستىرلىق كومىتېت تېخىمۇ ئىجابىي ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى مۇزاكىرە قىلماقتا. ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائى كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لۇ ئەيخۇڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتىنى تەھلىل قىلىش ۋە تەتقىق قىلىپ ھۆكۈم چىقىرىشنى كۈچەيتىدۇ، سىياسەت زاپىسىنى كۈچەيتىدۇ، خىزمەتكە جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇش مېخانىزىمى ۋە تاقابىل تۇرۇش لايىھىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش سىياسەت تەدبىرلىرىنى ۋاقتىدا تۈزۈپ چىقىدۇ. مالىيە مىنىستىرلىقى قاتارلىق تارماقلار يۈرۈشلۈك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەشنى ئىلگىرى سۈرۈش سىياسەت تەدبىرلىرىنى تۈزۈپ چىقىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق بولغان تېخىمۇ كۆپ مەخسۇس تۈر پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرىدۇ.

  يېقىنقى بىر ئايدىن بۇيان، خۇنەن، شىنجاڭ، شەنشى قاتارلىق جايلار ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش تەدبىرلىرىنى كەينى كەينىدىن تۈزۈپ چىقتى. نۇرغۇن جايلار ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش سىياسەت زاپىسىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. تەلەپكە ئاساسەن، ھەر قايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى پىكىر تارقىتىلغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە، كونكىرت يولغا قويۇش تەدبىرىنى تۈزۈپ چىقىپ، ئالاقىدار تارماقلارنى ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىيىتى ۋە مالىيە كۈچى سەۋىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ سىياسەتتىن بەھىرىمان بولىدىغان قېيىنچىلىقى بار كارخانىلارنىڭ دائىرىسىنى بېكىتىشكە تەشكىللەپ، نۇقتىلىق يار يۆلەك بولۇش ئوبېكىتلىرىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تولۇقلىما قاتارلىق ئۆلچەملەرنى مۇۋاپىق بېكىتىپ، تۈرلۈك سىياسەتلەرنىڭ بالدۇرراق ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر