باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئىجتىمائىي كاپالەت ئىسلاھاتى باشلاندى

2018.12.07 16:40         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىسلاھات ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىن بۇيان، خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدە ئەڭ زور كۆڭۈل بۆلىنىۋاتقان ئىجىمائىي كاپالەت ئۈزلۈكسىز ئىسلاھ قىلىندى، تەرەققىي قىلىندى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلدى. يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا، يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئىجتىمائىي كاپالەت ئىسلاھاتى باشلاندى. كېيىنكى قەدەمدە كۆپ قاتلاملىق ئىجتىمائىي كاپالەت سېستىمىسى تېزدىن شەكىللەندۈرۈلۈپ، ئىجتىمائىي كاپالەت فوندى كېڭەيتىلىدۇ، بىر تۇتاش پىلانلاش قاتلىمى يۇقىرى كۆتۈرىلىدۇ. يېقىندا يەنە ئاساسىي سۇغۇرتا ھەققى نىسبىتى چىڭ تۇتۇپ تەڭشىلىدۇ، ئۇزاق مۇددەت بېقىش سۇغۇرتىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يۈرۈشلۈك يۇقىرى قاتلام ھۆججەتلىرىنى تۈزۈپ چىقىش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئاھالىلەرنىڭ ياشانغاندا بېقىلىدىغان جايى بولۇش، كېسەل كۆرسىتەلەيدىغان بولۇشىنى ھەل قىلىشنىڭ تۈزۈم ئاساسىي پۇختىلىنىدۇ.

  ئالاقىدار مەسئۇل كىشى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۆۋەتتە ۋە بۇندىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە كۆپ قاتلاملىق ئىجتىمائىي كاپالەت سېستىمىسى ئومۇميۈزلۈك ئورنىتىلىدۇ. مالىيە سېلىنمىسى كۆپەيتىلىپ، فوندىنى بازارلاشتۇرۇپ، كۆپ مەنبەلەشتۈرۈپ، كەسىپلەشتۈرۈپ مەبلەغ سېلىش ئىلگىرى سۈرىلىدۇ. دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە كىرىم تەقسىماتى مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى لى كاڭ مۇنۇلارنى ئاشكارىلىدى: ئىجتىمائىي كاپالەت ھەققىنى يىغىش تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلغاندىن كېيىنكى ئاساسىي سۇغۇرتا ھەققى نىسبىتىنى تەڭشەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش يېقىنقى خىزمەتلەرنىڭ مۇھىم نۇقتىسى، بۇنى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈپ، بىر تۇتاش لايىھىلەش كېرەك. ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى لۇ ئەيخۇڭ مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە گوۋۇيۇەن دائىمىي ئىشلار يىغىنىنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت ھەققى نىسبىتىنى داۋاملىق تۆۋەنلىتىشنىڭ كونكىرت چارىسىنى تەتقىق قىلىپ چىقىرىش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈمىز، ئالاقىدار تارماقلار بىلەن كۈتىنىش سۇغۇرتىسى نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشنىڭ كونكىرت لايىھىسىنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ چىقىمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر