باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگونىڭ نامراتلارنى يۆلەش مۇۋەپپەقىيەتلىرى دۇنياغا نەپ يەتكۈزدى

2018.12.10 09:06         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  نامراتلىق دۇنياۋى خاراكتىرلىق قىيىن مەسىلە، نامراتلارنى تۈگىتىش ئىنسانلارنىڭ ئورتاق ۋەزىپىسى. ئىسلاھات ئېچىۋىتىلگەن 40 يىلدىن بۇيان، ئېلىمىز 700 مىليوندىن كۆپرەك كىشىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇردى، بۇ دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان نامراتلارنى ئازايتىش ئەمەلىيىتى. بولۇپمۇ پارتىيە 18-قۇرۇلىتىيىدىن بۇيان، ئېلىمىز نامراتلارنى قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش كۆرىشىدە ھەل قىلغۇچ خاراكتىرلىق ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىنسانلارنىڭ نامراتلارنى تۈگىتىش تارىخىنىڭ شانلىق سەھىپىسىنى يېزىپ قالدۇرۇپ، دۇنيادا جۇڭگو ئۈلگىسىنى تىكلىدى.

  40 يىل ئىلگىرى جۇڭگو ئىسلاھات ئېچىۋىتىش ئۇلۇغ قارارىنى چىقىرىپ، زور كۆلەملىك نامراتلارنى يۆلەش پىلانىنى تەشكىللىك پىلانلىق يولغا قويدى. ئىسلاھات ئېچىۋىتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىن بۇيان، جۇڭگودا 700 مىليوندىن كۆپرەك كىشى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى؛ بولۇپمۇ پارتىيە 18-قۇرۇلىتىيىدىن بۇيان، ئېلىمىز نامراتلارنى قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش كۆرىشىدە ھەل قىلغۇچ خاراكتىرلىق ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى، بۇ سالمىقى چوڭ، كۆلىمى كەڭ، تەسىرى چوڭقۇر، تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان ئىش بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ نامراتلارنى ئازايتىش تارىخىدىكى ئەڭ ياخشى نەتىجە يارىتىلدى؛ يېقىنقى بىر نەچچە يىلدا 68 مىليوندىن كۆپرەك نامرات نوپۇس ئازايتىلىپ، نامراتلىقنىڭ كۆرۈلىش نىسبىتى %10.2دىن %4 گە تۆۋەنلىدى. بۇ جەرياندا جۇڭگو 700 مىليوندىن كۆپرەك نوپۇسنى خەلقئارادىكى نامراتلىق سىزىقى ئۆلچىمى بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇردى؛ ئۆتكەن 40 يىلدا دۇنيانىڭ نامراتلارنى يۆلەش ئىشلىرىغا قوشقان تۆھپىسى %70 دىن ئاشتى.

  دۇنيا بانكىسى ئېلان قىلغان تىخىمۇ سىغدۇرۇشچان، تېخىمۇ سىجىل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش بويىچە باشقا دۆلەتلەرنىڭ سىستېمىلىق تەھلىل دوكلاتىدا جۇڭگونىڭ نامراتلارنى يۆلەش جەھەتتە قولغا كەلتۈرگەن زور مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ماختىدى.

  دوكلاتتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: 1978-يىلىدىن 2014-يىلىغىچە ، جۇڭگونىڭ كىشى بېشى كىرىمى 16 ھەسسە كۆپەيدى؛ ھەر بىر ئادەمنىڭ بىر كۈنلۈك تۇرمۇش خىراجىتىنى 1.9 ئامېرىكا دوللىرى بولغان خەلقئارا سېتىۋېلىش كۈچىنى باھالاش بويىچە ھېسابلىغاندا جۇڭگودا زىيادە نامراتلىقنىڭ كۆرىلىش نىسبىتى 1981-يىلىدىكى %88.3 دىن 2013-يىلىدىكى %1.9 گە تۆۋەنلىدى؛ 850 مىليوندىن كۆپرەك جۇڭگولۇق نامراتلىقتىن قۇتۇلدى.

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ ياردەمچىسى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئېچىش پىلان مەھكىمىسى باشلىقىنىڭ ياردەمچىسى باھا بېرىپ مۇنداق دېدى: پارتىيە 18-قۇرۇلىتىيىدىن بۇيان ، جۇڭگو ئېچىۋىتىش شەكلىدىكى نامراتلارنى يۆلەش ئىدىيىسىگە ئەمەل قىلىپ، نامراتلارنى دەل يۆلەش تەدبىرىنى قوللىنىپ، كۆرىنەرلىك ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى. نامراتلارنى دەل يۆلەش خىزمىتىنىڭ ئۈنۈملۈك يولغا قويۇلۇشى جۇڭگو بىلەن دۇنيانىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030-يىللىق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسى ۋە ئۇنىڭ 17 ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات نىشانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە غايەت زور تۆھپە قوشتى.

  ئىپوپىيە زوڭلىسىنىڭ باش ئىقتىساد مەسلىھەتچىسى نىۋاي جىبۇرئەبۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دەل جۇڭگونىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرى ئىپوپىيەنىڭ تىز تەرەققىي قىلىشىغا ئىلھام بولدى. جۇڭگونىڭ نامراتلارنى يۆلەش مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىسى شۇكى ئىقتىسادنى سىجىل تېز ئاشۇرۇش، زور مىقداردا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇش نەتىجىلىرىدىن خەلقنى ئورتاق بەھرىمەن قىلىشتىن ئىبارەت. ھازىر ئىپوپىيە يېزا ئىگىلىك يېتەكچىلىكىدىكى سانائەتلەشتۈرۈش تەرەققىيات پىلانىنىڭ 2- باسقۇچلۇق خىزمىتىنى ئىشلىمەكتە، بۇنىڭدا سانائەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئون نەچچە سانائەت باغچا رايونى قۇردى؛ كۆپلىگەن ياشلار ئىشقا ئورۇنلاشتى، بۇنىڭ ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردىمى بولدى.

  تايلاند جېڭدا باشقۇرۇش شۆيۈەنى جۇڭگو شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى تاڭ جىمىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو نامراتلارنى قۇتۇلدۇرۇش قېلىپىدە يېڭىلىق ياراتتى؛ ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق نامراتلارنى قۇتۇلدۇرۇش، ساياھەت ئارقىلىق نامراتلارنى قۇتۇلدۇرۇش، يورۇقلۇق ۋولتىدىن توك تارقىتىش ئارقىلىق نامراتلارنى قۇتۇلدۇرۇش قاتارلىق بايلىق خاراكتىرىدە نەپ يەتكۈزۈپ نامراتلارنى قۇتۇلدۇرۇش ئىنتايىن ياخشى بولغان نامراتلارنى قۇتۇلدۇرۇش ئەمەلىيىتى. جۇڭگونىڭ نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدە يېڭىلىق يارىتىش ئۇسۇللىرى يەر شارىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش ئىشلىرىدا مۇھىم ئەينەك قىلىش ئەھمىيىتىگە ئىگە.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر