باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى تەكشۈرۈش، رىغبەتلەندۈرۈش تەدبىرلىرىنى تەڭشەپ، يەرلىككە بولغان قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چىقاردى

2018.12.11 16:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى توغرا يۆنىلىشلىك رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جايلارنىڭ ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىپ ئىش قىلىپ، ئىگىلىك تىكلەش ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى ۋە يېڭىلىق يارىتىش كۈچىنى تولۇق قوزغاش ۋە سەپەرۋەر قىلىش، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىش، رىقابەتلىشىپ تەرەققىي قىلىشتەك ياخشى ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، گوۋۇيۈەننىڭ يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپە، يېڭى تەلەپكە ئاساسەن 2016-يىلى يولغا قويۇغان 24 تۈرلۈك تەكشۈرۈش، رىغبەتلەندۈرۈش تەدبىرلىرىنى تەڭشەپ، 30 تۈرلۈك تەكشۈرۈش رىغبەتلەندۈرۈش تەدبىرىگە كۆپەيتىشنى قارار قىلىپ، ئالاقىدار مۇھىم سىياسەت، تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش بويىچە ئەمەلىي ئىشلەپ، كۆرۈنەرلىك ئۆنۈمگە ئېرىشكەن جايلارنى يەنىمۇ رىغبەتلەندۈرۈش، قوللاش سالمىقىنى زورايتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، يېقىندا بۇ ھەقتە ئۇقتۇرۇش چىقاردى.

  پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ توغرا يۆنىلىشلىك ئىلھاملاندۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەركەز بىلەن يەرلىكنىڭ ئاكتىپلىقىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە تەلىپى بويىچە، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تەكشۈرۈش، رىغبەتلەندۈرۈش خىزمىتىدە سىجىل ئىزدىنىپ قانات يايدۇرۇپ، 2016-يىلى 11-ئايدا «ھەقىقىي چىڭ تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، كۆرۈنەرلىك ئۆنۈمگە ئېرىشكەن جايلارنى رىغبەتلەندۈرۈش، قوللاش سالمىقىنى زورايتىش ئۇقتۇرۇشى» ( گ ب 〔 2016 〕 82-نومۇرلۇق)نى بېسىپ تارقىتىپ، تۇنجى قېتىم سىستېمىلىق ھالدا 24 تۈرلۈك تەكشۈرۈش، رىغبەتلەندۈرۈش تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. 2017-يىلى، 2018-يىلى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئىككى تۈركۈمدىكى 400دىن ئارتۇق جايلارنى تەكشۈرۈپ، رىغبەتلەندۈرۈپ، جايلارنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشلەپ، رىقابەتلىشىپ تەرەققىي قىلىشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجابىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى ۋە ياخشى ئىنكاس قوزغىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر