باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2018- يىللىق جۇڭگو تور سەمىمىيەت يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

2018.12.11 15:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «تور سەمىمىيەت گۈزەل تۇرمۇش» باش تېما قىلىنغان 2018-يىللىق جۇڭگو تور سەمىمىيەت يىغىنى 10-دېكابىر خەلق گېزىتخانىسىنىڭ دوكلات زالىدا ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا «جۇڭگو ئېلېكتىرونلۇق سودا سەمىمىيەت تەرەققىيات دوكلاتى» تۇنجى قېتىم ئېلان قىلىنىپ، جۇڭگو تور سەمىمىيەت يىغىنىنىڭ بەلگىسى، جامائەت پاراۋانلىقى تېمىسىدىكى ئېلانى، قىسقا سىن فىلىمى توپلاش پائالىيىتىدىكى مۇنەۋۋەر ئەسەرلەر نامايان قىلىندى ۋە سىن ئاپتورلىرىغا گۇۋاھنامە تارقىتىلدى. ھۆكۈمەت ئاپپاراتى، ئالاقە تورى كارخانىسى، تور ئىجتىمائىي تەشكىلاتى قاتارلىقلاردىن كەلگەن 200دىن ئارتۇق كىشى يىغىنغا قاتناشتى.

  بۇ قېتىملىق يىغىنغا دۆلەت ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى، سودا ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، دۆلەت بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى يېتەكچىلىك قىلغان، جۇڭگو تور ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرى بىرلەشمىسى، جۇڭگو ئالاقە تورى تەرەققىيات فوندى جەمئىيىتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان، خەلق تورى، خەلق سىنى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، تور سەمىمىيەت ئىدىيەسىنى يەنىمۇ گەۋدىلەندۈرۈپ، ئالاقە تورى كەسىپىنىڭ تەلەپچانلىقىنى كۈچەيتىپ، تورنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇش، سەمىمىي تور ئىشلىتىشتەك تور مۇھىتىنى كۈچەپ بەرپا قىلىش مەقسەت قىلىنغان. يىغىنغا قاتناشقان كارخانىچىلار ۋەكىللىرى ۋە مۇتەخەسسىسلەر «ئېلېكترونلۇق سودىنىڭ سەمىمىيەت ۋە سۇپا مەسئۇلىيىتى»، «ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ سەمىمىيەت ۋە تىجارەت ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىش» ئىككى باش تېمىنى چۆرىدەپ، چوڭقۇر مۇزاكىرە قىلدى ۋە پىكىر ئالماشتۇردى.

  مەركەز تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، دۆلەت ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ليۇ ليېخۇڭ مۇنداق كۆرسەتتى: مەركەز سەمىمىيەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا سەمىمىيەت قۇرۇلۇشىنى تۈزۈملەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش تەكىتلەنگەن. باش شۇجى شى جىنپىڭ سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى پائال يېتىلدۈرۈپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئالاقە تورىنىڭ زىيانلىق ئۇچۇرلارنى تارقىتىش، ئېغۋا تارقىتىپ ئىش تېرىيدىغان سۇپىغا ئايلىنىپ قالماسلىقنى كۆپ قېتىم تەكىتلىگەن. بۇ مۇھىم بايانلار تور سەمىمىيەت قۇرۇلۇشىنىڭ يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ، مىزان بىلەن تەمىنلىدى.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر