باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تۆت مىنىستىرلىق، كومىتېت تالوننى كۆز بوياپ كېسىش، باج ئالدامچىلىقىغا زەربە بەردى: 252 كىشى ئۆزىنى مەلۇم قىلدى

2018.12.11 15:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ دۆلەت باج باش ئىدارىسىدىن ئۇقۇشىچە، بۇ يىل 8-ئايدىن بۇيان، دۆلەت باج باش ئىدارىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى، تاموژنا باش مەھكىمىسى، جۇڭگو خەلق بانكىسى قاتارلىق تۆت مىنسىتىرلىق، كومىتېت بىرلىكتە تالوننى كۆز بوياپ كېسىش، باج ئالدامچىلىقى قانۇنسىز جىنايىتىگە زەربە بېرىش ئىككى يىللىق مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئەمەلىي تىجارەت كەسپى يوق پەقەت تالوننى كۆز بوياپ كېسىدىغان «ساختا كارخانا»، ئەمەلىي ئېكسپورت قىلمايدىغان پەقەت قايتۇرۇلغان باجنى ئالداپ ئېلىۋالىدىغان «يالغان ئېكسپورت»قا نۇقتىلىق زەربە بېرىپ، قانۇنسىز قىلمىشلارغا زەربە بېرىش ئارقىلىق قانۇن ئىجراسىنىڭ ھەيۋىسىنى نامايان قىلىپ، باج يىغىش تەرتىپىنى ئۈنۈملۈك رەتلەپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ، ئادىل، تەرتىپلىك بولغان باج سودا مۇھىتى بەرپا قىلغان. مەخسۇس زەربە بېرىش ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇلغان ئىككى ئايدىن بۇيان، جايلار باجغا ئالاقىدار بىر تۈركۈم مۇھىم، زور قانۇنسىز دېلولارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، مەخسۇس ھەرىكەت دەسلەپكى قەدەمدە ئۈنۈمگە ئېرىشتى.

  ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 8-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 11-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە قوشۇلما قىممەت بېجى تالونىنى كۆز بوياپ كېسىدىغان «ساختا كارخانا»دىن 45749ى، ئېكىسپورت قايتۇرما بېجىنى ئالداپ ئېلىۋالىدىغان «ساختا كارخانا»دىن 467ى بولۇپ، جەمئىي 46216 كارخانا تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىپ، قوشۇلما قىممەت بېجى تالونىنى كۆز بوياپ كېسىپ بېرىش، قوبۇل قىلىش ۋە باشقا توغرىلاپ چىقىرىۋەتكىلى بولىدىغان ئىسپاتتىن 2 مىليون 556 مىڭ 200نىڭ خاراكتېرى بېكىتىلىپ، دېلوغا چېتىشلىق باج سوممىسى 49 مىليارد 161 مىليون يۈەنگە يەتكەن. مەخسۇس ھەرىكەت قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، پۈتۈن مەملىكەتتىكى تالوننى كۆز بوياپ كېسىش، باج ئالدامچىلىقى قانۇنسىز جىنايىتىنىڭ ۋەزىيىتى ئۈنۈملۈك چەكلىنىپ، جياڭسۇ، جياڭشى، چىڭخەي، يۈننەن، شىنجاڭ قاتارلىق جايلاردىكى 252 جىنايەت گۇماندارى مەخسۇس ھەرىكەتنىڭ يۇقىرى بېسىملىق ھالىتىدىن قورقۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆزىنى مەلۇم قىلغان.

  ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، مەملىكەت بويىچە تالوننى كۆز بوياپ كېسىش، باج ئالدامچىلىقى دېلوسىدىن 1268ى پاش قىلىنىپ، 2525 جىنايەت گۇماندارى قولغا ئېلىنغان، دېلوغا چېتىشلىق سومما 18 مىليارد 380 مىليون يۈەن بولۇپ، 736 مىليون يۈەن ئىقتىسادىي زىيان قايتۇرۇۋېلىنغان.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر