باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ۋاڭ ياڭ گۇاڭشىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى

2018.12.11 15:03         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى، مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى ۋاڭ ياڭ تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە كۆپنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە كۈچ-قۇۋۋىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، ھەقىقىي، ئەمەلىي ئىشلەپ، گۈزەل گۇاڭشى قۇرۇش، گۈللىنىش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ چوڭ تۆھپە قوشۇش كېرەك دەپ تەكىتلىدى.

  ۋاڭ ياڭ جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى، باش شۇجى شى جىنپىڭغا ۋاكالىتەن، ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلىرى ۋە ئاممىسىنى قىزغىن تەبرىكلىدى ھەم سەمىمىي ھال سورىدى. ۋاڭ ياڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ گۇاڭشى خىزمىتى ھەققىدىكى مۇھىم يوليورۇقلىرىنىڭ روھىنى يەنىمۇ چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، گۇاڭشى زېمىنىنى تېرىشىپ تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلدى. گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى لۇ شىنشې ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ھۆكۈمەتنىڭ خىزمىتىدىن دوكلات بەردى. ۋاڭ ياڭ دوكلاتنى ئاڭلاشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايوننىڭ ھازىرقى ۋەزىپىدىكى مۇئاۋىن ئۆلكە ۋە ئارمىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشتى.

  ۋاڭ ياڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ بارلىق ئەزالىرىنى باشلاپ گۇاڭشى پىلان سارىيىغا بېرىپ، «گۈزەل گۇاڭشى قۇرۇش، گۈللىنىش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش-گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىق مۇۋەپپەقىيەتلىرى كۆرگەزمىسى»نى كۆردى. مۇۋەپپەقىيەت كۆرگەزمىسى-غەمخورلۇق سەھىپىسى، ئومۇمىي ئەھۋال سەھىپىسى، مۇساپە سەھىپىسى، مۇۋەپپەقىيەت سەھىپىسى، كەلگۈسىگە نەزەر سەھىپىسىدىن ئىبارەت بەش سەھىپىگە بۆلۈنگەن، «سەمىمىي غەمخورلۇق، غايەت زور ئىلھام»، «رەڭدار گۇاڭشى، سېھرىي كۈچكە تولغان گۇاڭشى»، «ھەيۋەتلىك يىللار، ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر»، «خەلقنى بېيىتىپ گۇاڭشىنى گۈللەندۈرۈش، پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا بېسىش»، «پىلان تۈزۈلۈپ بولدى، ۋاقتىدا ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە» باش تېما قىلىنغان بولۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ گۇاڭشىدىكى ھەر مىللەت كادىرلىرى ۋە ئاممىسىغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكى، غەمخورلۇقى كۆپ نۇقتىدىن ئەتراپلىق گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتى ۋە مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكى جانلىق نامايان قىلىنغان، ئاپتونوم رايون قۇرۇلغان 60 يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىن بۇيانقى ئىقتىساد، سىياسىي، مەدەنىيەت، جەمئىيەت، ئېكولوگىيە قاتارلىق تەرەپلەردە يارىتىلغان شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەر مەركەزلىك گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، گۇاڭشىدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش، ئۆز ئارا ھەمدەمدە بولۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلغان ئۇلۇغ ئەمەلىيىتى ئومۇميۈزلۈك ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر