باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تىرامپ ئامېرىكا ئارمىيەسى ئىشتاب باشلىقلىرى بىرلەشمىسى كېڭىشىنىڭ يېڭى رەئىس نامزاتىنى كۆرسەتتى

2018.12.10 09:27         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ مۇشۇ ئاينىڭ 8-كۈنى، مارېك مېللىنى قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى ئىشتاب باشلىقلىرى بىرلەشمە كېڭىشىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىگە كۆرسەتكەنلىكىنى جاكارلىدى.

  ترامپ شۇ كۈنى ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدا بۇ خەۋەرنى جاكارلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: مېللى ئامېرىكا ئارمىيەسى ئىشتاب باشلىقلىرى بىرلەشمە كېڭىشىنىڭ رەئىسى جوسۇپ دۇنفورنىڭ ئورنىغا قويۇلىدۇ، جوسۇپ دۇنفور ھەربىي سەپتىن چېكىنىدۇ، بىراق ۋەزىپىنى ئۆتكۈزۈۋېلىش ۋاقتى تېخى بېكىتىلمىدى.

  تەرتىپ بويىچە، مېللىنىڭ كۆرسىتىلىشى چوقۇم ئامېرىكا پارلامېنتى كېڭەش پالاتاسىدا ئاۋازغا قويۇلۇپ تەستىقلىنىشى كېرەك. دۇنفورنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئىككى يىل بولۇپ، كېلەر يىلى 10-ئايدا ئاخىرلىشىدۇ.

  ئامېرىكا ئارمىيەسى ئىشتاب باشلىقلىرى بىرلەشمە كېڭىشىنىڭ رەئىسى زۇڭتۇڭ بىلەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرىنىڭ باش ھەربىي مەسلىھەتچىسى بولۇپ، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك گېنېرالى ئۈستىگە ئالىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر