باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىز جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ ياپونىيەدىكى نورمال تىجارەت پائالىيىتىنىڭ ھەرقانداق كەمسىتىش خاراكتېرلىك مۇئامىلىگە ئۇچرىشىغا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

2018.12.11 15:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ياپونىيە ھۆكۈمىتى 10-دېكابىر ئېلان قىلغان ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىشقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى بەلگىلىمىگە قارىتا، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى لۇ كاڭ قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنداق دېدى: جۇڭگو تەرەپ ياپونىيە تەرەپنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىدۇ، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ ياپونىيەدىكى نورمال تىجارەت پائالىيىتى ھەرقانداق كەمسىتىش خاراكتېرلىك مۇئامىلىگە ئۇچرىشىغا بولمايدۇ.

  لۇ كاڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو تەرەپ ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۈگۈن ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىشقا ئالاقىدار يېڭى بەلگىلىمىلەرنى ئېلان قىلغانلىقىغا دىققەت قىلدى، جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭدىن ئىلگىرى دىپلوماتىيە يولى ئارقىلىق ياپونىيە تەرەپ بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى. ياپونىيە ئىچكى كابېنت ئەمەلدارى گۈەن يىۋىي مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە: ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرنى چىقىرىشى مەلۇم كارخانىلار ۋە ئۈسكۈنىلەرنى سىرتتا قالدۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ئەمەس، دەپ بىلدۈردى.

  لۇ كاڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ ياپونىيەدىكى مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقىنىڭ ماھىيىتى بولسا ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈپ، تەڭ پايدا ئېلىش. جۇڭگو تەرەپ ئىزچىل ھالدا جۇڭگو كارخانىلىرىنى سودا پىرىنسىپى ۋە خەلقئارا قائىدە بويىچە، شۇ جاينىڭ قانۇنلىرى ئاساسىدا ياپونىيەگە مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جۇڭگو تەرەپ يەنە ئىزچىل ياپونىيە تەرەپتىن جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ يايونىيەدىكى تىجارەت تەرەققىياتىنى ئادىل، روشەن، كەمسىتىش بولمىغان مۇھىت بىلەن تەمىنلەشنى تەلەپ قىلىپ كەلدى. جۇڭگو تەرەپ ياپونىيە تەرەپنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر