باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

روھانى: ئىران ئاجىزلىشىدىغان بولسا، غەرب ئەللىرى بىخەتەر بولمايدۇ

2018.12.10 09:27         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىران زۇڭتۇڭى ھەسەن روھانى مۇشۇ ئاينىڭ 8-كۈنى ناۋادا ئىران ئامېرىكىنىڭ جازالىشى تۈپەيلىدىن ئاجىزلايدىغان بولسا، غەرب ئەللىرى زەھەر يامرايدىغان، مۇساپىرلار كۆپىيىدىغان ۋە ھۇجۇم كۆپ يۈز بېرىدىغان خەۋپ – خەتەرگە دۇچ كېلىدۇ دېدى.

  روھانى مۇنداق دېدى: بىزگە ئىشەنمەيدىغان كىشىلەر، ئەڭ ياخشىسى خەرىتىگە قاراپ باقسا بولىدۇ. ئىران يەر شارىدىكى ئەڭ چوڭ ئەپيۈن ئىشلەپچىقىرىدىغان دۆلەت ئافغانىستان بىلەن چېگرالىنىدىغان بولۇپ، زەھەر ئەتكەسچىلىرى ياۋروپا ۋە پارس قولتۇقىدىكى دۆلەتلەرگە بارغاندا چوقۇم ئۆتىدىغان يول.

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 2014-يىلى ئېلان قىلغان بىر پارچە دوكلاتتا ئايان بولۇشىچە، ئىران 2012 – يىلى يەر شارى بويىچە ئۈچتىن ئىككى قىسىم ئەپيۇن ۋە توتىن بىر قىسىم خېرويىن ياكى مارفىننى قولغا چۈشۈرگەن.

  ئامېرىكا بۇ يىل 5-ئايدا، ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى ئومۇميۈزلۈك كېلىشىمدىن چېكىنىپ چىقىپ، ئىراننى جازالاشنى ئەسلىگە كەلتۈردى. بازار ئامېرىكىنىڭ جازالىشىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقى ئۈچۈن، ئىران پۇلى رىيالنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا بولغان پېرېۋوت نىسبىتى تۆۋەنلەپ، ئىران ئىقتىسادىي بېسىمغا يولۇقتى. روھانىي ئامېرىكىنىڭ جازاسىنى ئىقتىسادىي تېررورلۇق دەپ ئاتىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر