خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئەنگلىيەنىڭ لوندوندىكى پادىشاھ كىرىست ۋوگزالىدا، كىشىلەر سۈرەتلەر كۆرگەزمىسىنى كۆرمەكتە.
10-دېكابىر، جۇڭگودا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى مەدھىيەلەنگەن بىر مەيدان سۈرەتلەر كۆرگەزمىسى ئەنگلىيە لوندون شەھىرىنىڭ مەركىزىدىكى پادىشاھ كرېست ۋوگزالىدا كۆرگەزمە قىلىندى. «ئۆزگىرىش ۋە ئارزۇ − جۇڭگودا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى» سۈرەتلەر كۆرگەزمىسىدە تاللانغان 60 نەچچە پارچە سۈرەت ئارقىلىق، جۇڭگودا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىن بۇيان پۇقرالارنىڭ تۇرمۇش دەقىقىلىرى فوكۇسلىنىپ، جۇڭگو بىلەن دۇنيانىڭ ئالاقىسى، شۇنىڭدەك جۇڭگونىڭ تەرققىيات ئىدىيەسى ۋە تۆھپىسى نامايان قىلىندى. ئۇنىڭدىن باشقا، كۆرگەزمىدە يەنە جۇڭگو- ئەنگلىيە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستانە ئالاقىسى نامايان قىلىنغان 20 پارچە سۈرەت كۆرگەزمە قىلىندى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى