باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

فىرانسىيە ئون مىڭ ساقچى چىقىرىپ زوراۋانلىق نامايىشىنىڭ قايتا تەكرارلىنىشنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئالدى

2018.12.10 09:26         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  فىرانسىيە دائىرىلىرى مۇشۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرى پۈتكۈل پارىژ شەھەردە جىددىي ھالەتكە كىرىپ، ئالدىنقى ھەپتە «سېرىق مايكىلىقلار» نامايىشىدا زوراۋانلىق ۋەقەسىنىڭ تەكرارلىنىشنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئالدى، گەرچە ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك تەدبىر قوللىنىلغان بولسىمۇ، لېكىن مۇشۇ ئاينىڭ 8-كۈنى ئېتىراز بىلدۈرۈش پائالىيىتىدە يەنىلا ئاندا-ساندا توقۇنۇش يۈز بەردى. شۇ كۈنى، فىرانسىيەدە مەملىكەت بويىچە سېرىق مايكىلىقلار نامايىشچىلىرىدىن 1000 كىشى قولغا ئېلىندى.

  پارىژدىكى مەشھۇر مەنزىرە نۇقتىسى بولغان ئېففېل مۇنارى، لوۋېر سارىيى، شۇنىڭدەك ئاساسلىق مېترو بېكىتى تاقالدى، كۆپ مەيدان پۇتبول مۇسابىقىسى ۋە مۇزىكا كېچىلىكى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەتلىرى ئارقا ئارقىدىن ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ، فىرانسىيە خەلقىنى چوقۇم ھوشيار بولۇشقا دەۋەت قىلدى.

  فىرانسىيە زۇڭلىسى فىلىپ مۇشۇ ئاينىڭ 8-كۈنى تېلېۋىزىيە نۇتقى سۆزلەپ، سېرىق مايكىلىقلار ھەرىكىتى ۋەكىللىرى بىلەن يېڭىدىن سۆزلىشىشنى مۇراجىئەت قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: زۇڭتۇڭ ماكرون چوقۇم سۆز قىلىدۇ، ھەمدە سۆھبەتنى ئىلگىرى سۈرۈش تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر