باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى پوروشېنكو رۇسىيە بىلەن بولغان دوستلۇق شەرتنامىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ، دېدى

2018.12.10 15:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى پېترو پوروشېنكو 8- دېكابىر، مۇشۇ ئاينىڭ 10-كۈنى بىر تۈرلۈك قانۇن لايىھەسىنى ئىمزالاپ، ئۇكرائىنا بىلەن رۇسىيە 1997-يىلى ئىمزالىغان ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق شەرتنامىسىنى بىكار قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

  ئۇكرائىنا-رۇسىيە دوستلۇق، ھەمكارلىق ۋە ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمىنىڭ مۇددىتى ئەسلىدە 2019-يىلى 4-ئاينىڭ 1- كۈنى توشاتتى. ئۇكرائىنا پارلامېنتى 6- دېكابىر بېلەت تاشلاپ، شەرتنامە مۇددىتىنىڭ ئۇزارتىلمايدىغانلىقىنى قارار قىلدى.

  پوروشېنكو ئىجتىمائىي ئالاقە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى «تىۋىتتېر»دا سۆز قالدۇرۇپ: «ئاتالمىش ئۇكرائىنا-رۇسىيە دوستلۇق شەرتنامىسىنى بىكار قىلىشنىڭ مەلۇم سىمۋوللۇق ئەھمىيىتى بار»، دېدى.

  ئۇكرائىنا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ بىر قانچە پاراخوتى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى كېرچ بوغۇزىدىن ئۆتكەندە رۇسىيە تەرەپ توسۇۋېلىپ ۋە تۇتۇپ قېلىپ، ھازىرغىچە قويۇپ بەرمىدى. كېمىلەر ۋە خادىملار سانىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان توقۇنۇشنىڭ تەپسىلاتلىرى توغرىسىدا ئىككى تەرەپنىڭ سۆزى بىردەك بولمىدى. رۇسىيە تەرەپ ئۇكرائىنانى «قانۇنسىز كېسىپ ئۆتتى»، دېدى، ئۇكرائىنا تەرەپ بۇنى ئىنكار قىلدى. رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدىكى بۇ يېڭى ۋەقە رايون ۋەزىيىتىنى جىددىيلەشتۈردى، ئۇكرائىنا «ئۇرۇش ھالىتى»گە كىردى ھەمدە غەرب ئەللىرىدىن ياردەم تەلەپ قىلدى.

  ئۇكرائېنا-رۇسىيە دوستلۇق شەرتنامىسى 1997-يىلى ئىمزالانغان، 1999-يىلى كۈچكە ئىگە بولغان بولۇپ، شەرتنامىدە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى ئۆزئارا ھۆرمەتلەش ئاساسىدا، سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە ئايرىلغان ئىككى دۆلەت چېگراسىنىڭ ئېتىراپ قىلىنىدىغانلىقى، بارلىق ماجىرالارنى تىنچلىق ئۇسۇلى بىلەن ھەل قىلىشقا قوشۇلىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن بولۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتۇرۇلغان.

  رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيە - ئۇكرائىنا دوستلۇق شەرتنامىسى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ۋە ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان ئاچقۇچلۇق ھۆججەت ئىكەن. رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قارىشىچە، ئۇكرائىنا تەرەپنىڭ دوستلۇق شەرتنامىسىنى بىكار قىلىش قارارى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە يەنىمۇ زىيان يەتكۈزىدىكەن. ئۇكرائىنادىكى بەزى ئۆكتىچى پارتىيەلەر: دوستلۇق شەرتنامىسىنى بىكار قىلىش ئۇكرائىنا تەرەپكە پايدىسىز، چۈنكى بۇ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىشىغا «قانۇنىي ۋاكۇئۇم» پەيدا قىلىدۇ، دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر