باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ۋاڭ ياڭ مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ نەننىڭغا بېرىپ، گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشتى

2018.12.10 16:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ باشچىلىقىدىكى مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكى 9- دېكابىر چۈشتىن بۇرۇن ئايروپىلان بىلەن نەننىڭغا يېتىپ بېرىپ، گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشتى. مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكى ئايروپورتتا گۇاڭشىنىڭ ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى.

  9- دېكابىر،گۇاڭشىدا سىم-سىم يامغۇر يېغىۋاتاتتى، ھاۋا ناھايىتى ساپ بولۇپ كەتكەن ئىدى. نەننىڭ ۋۇشۈ خەلقئارا ئايروپورتى شاد ـ خوراملىق بايرام كەيپىياتىغا تولغان. نەق مەيداندىكى ئاممىنىڭ قولىدا كۆتۈرىۋالغان «يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ گۇاڭشىگە بولغان سەمىمىي غەمخورلۇقىغا چىن كۆڭلۈمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز»، «مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز» ۋە «گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنىقىزغىن تەبرىكلەيمىز»دېگەندەك لوزۇنكىلار ئالاھىدە كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى.

  چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكى ئولتۇرغان مەخسۇس ئايروپىلان ئايروپىلان توختىتىش مەيدانىغا قوندى، بۇ يەردە ساقلاپ تۇرغان 500 دىن كۆپرەك قارشى ئالغۇچىلارنىڭ ئەترىتى قىزغىن چاۋاكلارنى چالدى ۋە ئالقىشلار ياڭراتتى. ۋاڭ ياڭ ئايروپىلان ئىشىكىدىن چىقىپ، قارشى ئېلىشقا كەلگەن ئاممىغا قولى بىلەن ئىشارەت قىلىپ ئېھتىرام بىلدۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر