باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى يىغىنى ئېچىلدى

چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىش كېرەك

2018.12.12 09:37         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شۆھرەت زاكىر، لى پېڭشىن قاتناشتى

  مۇخبىرىمىز ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: 12- ئاينىڭ 8- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىنى پىلانلاپ، ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە ھاياتىي كۈچ قوشۇش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، لى پېڭشىن يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا «ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ خىزمەت قائىدىسى»، «ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى مەخسۇس تۈر گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمەت تەپسىلىي قائىدىسى»، «ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ خىزمەت تەپسىلىي قائىدىسى» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى.

  چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي نەتىجە قازىنىش، تارىخىي ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى ئۆزى پىلانلىدى. پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ يەنە مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرلىقىنى ئۆزى ئۈستىگە ئېلىپ، بىر قاتار مۇھىم سۆزلەرنى قىلىپ، بىر قاتار مۇھىم يوليورۇقلارنى بېرىپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى. ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلىشى ۋە تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يۈكسەك سىياسىي ئاڭلىقلىق، ئىدىيەۋى ئاڭلىقلىق، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقى ئارقىلىق پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھات ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ شىنجاڭدا يىلتىز تارتىپ ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى تۈزۈلمە- مېخانىزم ئىسلاھاتىنى باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشنى چۆرىدەپ پىلانلاش، ئالغا سىلجىتىش كېرەك. دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش ساھەسىدىكى ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك. دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىقتىساد ساھەسىدىكى ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، زور خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش، دەل جايىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى، ساياھەت كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت ئۈچ مۇھىم خىزمەتنى ياخشى تۇتۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش سالمىقىنى زورايتىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئېكولوگىيە ساھەسىدىكى ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىپ، شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاسمىنى كۆك، زېمىنى يېشىل، سۈيى سۈزۈك گۈزەل شىنجاڭنى تىرىشىپ قۇرۇش كېرەك. دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىپ، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، تەشۋىقات، مەدەنىيەت ساھەسىدىكى ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىپ، ماركسىزمنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى يېتەكچىلىك ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان مەنىۋى مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇش كېرەك. دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، پەن- مائارىپ ساھەسىدىكى ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىجادىيەتلىك قوزغىتىش تەرەققىياتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سوتسىيالىزمنىڭ دۆلەتنى سۆيىدىغان، شىنجاڭنى سۆيىدىغان، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالىدىغان، تۆھپە قوشىدىغان قۇرغۇچىلىرى ۋە لاياقەتلىك ئىزباسارلىرىنى تىرىشىپ يېتىشتۈرۈش كېرەك. دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى ساھەسىدىكى ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قەتئىي بوشاشماي ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇپ، ئاساس سېلىپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان كادىرلار قوشۇنىنى تاۋلاپ چىقىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇر تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىڭتۈەننىڭ ئىسلاھاتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللاپ، بىڭتۈەننىڭ «ئۈچ چوڭ فۇنكسىيەسى»نى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىشى، «تۆت چوڭ رولى»نى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشى ئۈچۈن شارائىت ھازىرلاپ، مۇھىت يارىتىپ بېرىش كېرەك.

  چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيەنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا بولغان رەھبەرلىكىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئىسلاھاتنىڭ توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك ئىسلاھات ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۆنىلىشنى ئىگىلەش، چوڭ ئىشلارنى مۇھاكىمە قىلىش، ئومۇمىيەتنى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇشى، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلىرى ئىسلاھاتنى ئۆزى تۇتۇپ، ھەقىقىي تۈردە ياخشى «قۇرۇلۇش ئەترىتى باشلىقى» بولۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوملارنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتلىرى ئىسلاھات خىزمىتىنى ئىلمىي پىلانلاپ، ئىسلاھاتنىڭ سىستېمىلىقلىقى، قاراتمىلىقى، ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىقىنى ئاشۇرۇشى كېرەك. ئالاقىدار تارماقلار زىچ ماسلىشىپ، پائال قوللاپ، تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرىدىغان قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈشى كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىغا ئەزا ئورۇنلارنىڭ ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلىرى يىغىنغا قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر