باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىزنىڭ تۇنجى بوشلۇق قۇياش ئېنېرگىيەسى ئېلېكتىر ئىستانسىسى تەجرىبە بازىسى قۇرۇلۇشى چۇڭچىڭدا باشلاندى

2018.12.12 16:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: چۇڭچىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، جۇڭگو بوشلۇق تېخنىكىسى تەتقىقات يۇرتى شىئەن شۆبىسى، شىئەن ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى، چۇڭچىڭ شەھىرى بىشەن رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى يېقىندا چۇڭچىڭدا ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ، چۇڭچىڭ شەھىرى بىشەن رايونىدا ئېلىمىزنىڭ تۇنجى بوشلۇق قۇياش ئېنېرگىيەسى ئېلېكتىر ئىستانسىسى تەجرىبە بازىسى قۇرۇلۇشىنى باشلىدى.

  مەلۇم بولۇشىچە، بوشلۇق قۇياش ئېنېرگىيەسى ئېلېكتىر ئىستانسىسى تەسەۋۋۇرى ئەڭ بۇرۇن ئامېرىكا ئالىمى گلاسېر تەرىپىدىن 1968-يىلى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، يەنى يەر شارى ئوربىتىسىدا قۇياش ئېنېرگىيەسى ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇش ھەمدە سىمسىز يوللاش ئۇسۇلى ئارقىلىق يەر يۈزىنى داۋاملىق توك بىلەن تەمىنلەيدىغان توك چىقىرىش سىستېمىسى. يەر ئۈستى قۇياش ئېلېكتىر ئىستانسىسى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بوشلۇق قۇياش ئېنېرگىيەسى ئېلېكتىر ئىستانسىسى كېچە-كۈندۈز، ھاۋارايى قاتارلىق تەبىئىي ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ، قۇياش ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلىنىش نىسبىتى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ.

  جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، چۇڭچىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى ياڭ شىجۇڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ھەر كىۋادرات مېتىر قۇياش ئېنېرگىيەسى باتارىيەسىنىڭ مەملىكىتىمىزنىڭ غەربىي شىمال رايونىدىكى ئەڭ يۇقىرى توك چىقىرىش قۇۋۋىتى تەخمىنەن 0.4 كىلوۋات، ستراتوسفېرادا توك چىقىرىش قۇۋۋىتى تەخمىنەن يەتتە-سەككىز كىلوۋات، ئەمما يەر يۈزىدىن تەخمىنەن 36 مىڭ كىلومېتىر يىراقلىقتىكى يەر شارىنىڭ ماس قەدەملىك ئوربىتىسىدا توك چىقىرىش قۇۋۋىتى 10 كىلوۋاتتىن 14 كىلوۋاتقىچە كېلىدۇ. «بوشلۇق قۇياش ئېنېرگىيەسى ئېلېكتىر ئىستانسىسى بولسا توك چىقىرىش قۇرۇلمىسىنى يەر شارىنىڭ ماس قەدەملىك ئوربىتىسىدا قۇرۇش دېگەنلىك بولۇپ، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى مىكرو دولقۇن سىمسىز يوللاش ئارقىلىق يەر يۈزىدىكى توك چىقىرىش سىستېمىسىغا يەتكۈزىدۇ.»

  جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، جۇڭگو ئالەم قاتنىشى پەن-تېخنىكا گۇرۇھى پەن-تېخنىكا كومىتېتىنىڭ مۇدىرى باۋ ۋېيمىن مۇنداق دېدى: ھازىر جۇڭگو، ئامېرىكا، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بوشلۇق قۇياش ئېنېرگىيەسى ئېلېكتىر ئىستانسىسى تەرەققىيات پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويدى، لېكىن ئاساسىي تەتقىقات باسقۇچىدا تۇرماقتا؛ بوشلۇق قۇياش ئېلېكتىر ئىستانسىسى ئۈچ ئاچقۇچلۇق مەسىلىنى ھەل قىلىشى كېرەك: بىرىنچى، قانداق قىلغاندا چوڭ تىپتىكى توشۇغۇچى راكېتا ئارقىلىق توك چىقىرىش ئۈسكۈنىلىرىنى يەر شارى ماس قەدەملىك ئوربىتىسىغا ئېلىپ چىقىش ھەمدە قۇراشتۇرۇپ توك چىقىرىش؛ ئىككىنچىسى، قانداق قىلىپ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى يەر يۈزىگە يوللاش؛ ئۈچىنچىسى، ئۈسكۈنە مەشغۇلات بىخەتەرلىكى ۋە مۇھىت بىخەتەرلىكىگە قانداق كاپالەتلىك قىلىش. ھازىر بۇ ئۈچ مەسىلە يەنىلا ئاساسىي خاراكتېرلىك ئىزدىنىش باسقۇچىدا تۇرماقتا.

  چۇڭچىڭ ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ يۇغۇرما ھەمكارلىشىپ يېڭىلىق يارىتىش تەتقىقات يۇرتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شيې گېڭشىننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ قېتىمقى بىشەندە قۇرۇلۇش باشلىغان بوشلۇق قۇياش ئېنېرگىيەسى ئېلېكتىر ئىستانسىسى تەجرىبە بازىسى بوشلۇق ئېنېرگىيە تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ ئالدىنقى سەۋىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، چوڭ قۇۋۋەتلىك يىراق ئارىلىقلىق سىمسىز ئېنېرگىيە يوللاش بىلەن مۇھىت بىخەتەرلىك مەسىلىسى ئۇل تەتقىقاتى ۋە ئەمەلىي تەتقىقاتنى قانات يايدۇرۇپ، دۆلەتنىڭ چوڭ ئىلىم-پەن قۇرۇلۇشىنىڭ چۇڭچىڭغا ماكانلىشىپ، چۇڭچىڭ ئىلىم-پەن شەھىرى قۇرۇلۇشىغا ياردەم بېرىدۇ ۋە شۇ بازىنى مەركەز قىلغان يېڭى ئېنېرگىيە كەسپىي تېخنىكىسى توپلاشقان رايون قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر